15
«يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت
1 ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).[a]
2 مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ،[b] 3 ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ
«ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ،
ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر،
ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى![c]
4 ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان،
نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟
چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛
بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».□«چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10. [e]
5 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!□«ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك. [g] 6 يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.[h] 7 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. □«مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12. [j]
- ۋەھىي
- a
-
ۋەھ. 11:14.
- b ۋەھ. 4:6؛ مىك. 7:18.
- c زەب. 111:2؛ 139:14؛ 145:17.
- d «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10.
- e يەر. 10:7.
- f «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك.
- g ۋەھ. 11:19.
- h ۋەھ. 1:13.
- i «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12.
- j مىس. 40:34؛ 1پاد. 8:10؛ يەش. 6:4.