97
97-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ سەلتەنىتى كېلىدۇ!
1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!
يەر-زېمىن خۇش بولسۇن،
كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن![a]
2 بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر،
ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛
3 ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ،
ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛
4 ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى،
يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛[b]
5 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا،
پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا،
تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.
6 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ،
بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ.[c]
7 ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار،
بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ.
بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!□«ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
8 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار،
زىئون ئاڭلاپ شادلاندى،
يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى.
9 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛
سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!
10 پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار!
ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ،
رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ.[e]
11 ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر،
دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛
12 پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار،
ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
- زەبۇر
- a
-
زەب. 93:1؛ 96:10
- b زەب. 77:16-18؛ ۋەھ. 4:5
- c زەب. 19:1؛ 50:6
- d «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
- e ئام. 5:15؛ رىم. 12:9