Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
8
8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز،
پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر!««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.
2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن،
دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە،
بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.مات. 21‏:16
3 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا،
سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا،
4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن،
ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن،
ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ئايۇپ 7‏:17؛ زەب. 144‏:3؛ ئىبر. 2‏:6
5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن،
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ.«سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».
6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛
سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن،1كور. 15‏:27
7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار،
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار،
8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار،
دېڭىزدىكى بېلىقلار،
دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ.
9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە!