Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
79
79-كۈي •••• يۇرتنى باسقان بالايىئاپەتتىن كۆتۈرۈلگەن نالە-زار
1 ئاساف يازغان كۈي: ــ
 
ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛
ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛
يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. «ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.
2 ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ،
مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى.
3 ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى،
جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى.
4 قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق،
ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق.[b]
5 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟
سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟
سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».  [d]
6 قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە،
نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! [e]
7 چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ،
ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
8 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛
رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي!
چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. [f]
9 ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى،
نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛
10 ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟
قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن.
11 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛
بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.
12 ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە،
يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛
13 شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر،
ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز،
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز.