Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
72
72-كۈي •••• تەختكە ئولتۇرىدىغان پادىشاھنىڭ ئوغلى توغرۇلۇق دۇئا-تىلەۋەت ھەم بېشارەت •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 سۇلايمان ئۈچۈن: ــ
ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛
پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. «ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلۇغ بېشارەتنىڭ تولۇق مەنىسى سۇلايماننىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «سۇلايمان ئۈچۈن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سۇلايماننىڭكى» ياكى «سۇلايمانغا تەۋە».
2 شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن،
ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
3 تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ،
ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
4 پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛
ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ،
زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ.
5 شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا،
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ.«سەندىن ئەيمىنىدۇ» ــ دېمەك، خۇدادىن ئەيمىنىدۇ.  زەب. 89‏:36،37
6 ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك،
يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ.2سام. 23‏:4
7 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛
ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ.
8 ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە،
ئەفرات دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.«ئەفرات دەرياسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «دەريا» دېيىلىدۇ. شۈبھىسى يوقكى، بۇ ئىبارە ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
9 چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ.
10 تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ،
شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. «تارشىش.. ئاراللار... شېبا...سېنا...» ــ «تارشىش»نىڭ دەل قايسى جاي ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس، ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى ئەنگلىيەنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن شۈبھە يوقكى، مۇشۇ ئايەتتىكى «تارشىش» ھەم «ئاراللار» دېڭىزدىكى ئەڭ چەت يەرلەرنى بىلدۈرىدۇ. «شېبا ھەم سېبا» ــ ھازىرقى ئەرەبىستاندا.
11 دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛
پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛
12 چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى،
پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ ئايۇپ 29‏:12
13 ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ،
يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
14 ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ،
ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر.
15 پادىشاھ ياشىسۇن!
شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛
ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛
ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛
16 يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ،
ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
مىغ-مىغ چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛
شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛
17 ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ،
ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛
ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ،
بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ.
18 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي!
كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!
19 ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن!
ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!
 
20 يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. «داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى» ــ بۇ كۈي داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇئاسى بولدى. بىراق «زەبۇر»نىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە بىز ئۇنىڭ باشقا دۇئا-كۈيلىرىنى ئۇچرىتىمىز.