Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
64
64-كۈي •••• ئامانلىق تىلەش دۇئاسى
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن!
ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن!
2 قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن،
يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن.
3‏-4 ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛
مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن،
ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى.
ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ.
5 ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ،
يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ،
«بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە.
6 ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ
«بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛
ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر!
7 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛
ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ.
8 ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛
ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ.«ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى سىلكىيدۇ».
9 ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛
ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ،
بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ.
10 ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ،
ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛
كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ.