Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
63
63-كۈي •••• خۇداغا ئىنتىزار بولۇش
1 داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ
 
ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن،
تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم!
مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ،
جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ 1سام. 22‏:5؛ 23‏:14،15
2 مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك،
مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم!
3 ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛
لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
4 شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن،
سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.
5 جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛
ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛«جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى» ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن مايلىق گۆش ئىنتايىن ئېسىل تاماق ھېسابلىنىدۇ.
6 ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە،
تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
7 چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛
سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن.
8 مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ،
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.
9 بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
10 ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ،
ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ.
11 لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛
ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛
چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ.