Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
6
6-كۈي •••• قايغۇ ئىچىدىكى دۇئا
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛
قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە.«سەككىز تارلىق ئارفا» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «سەككىز ئەنلىك كۈي».
2 ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛
ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى.زەب. 38‏:3
3 مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
4 يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
5 چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛
تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟«تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟» ــ «تەھتىسارا» ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېيىلىدۇ).
6 مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛
تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛
ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
7 دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛
بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.
8 ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.مات. 7‏:23؛ 25‏:41؛ لۇقا 13‏:27
9 پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛
پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛
10 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛
تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.