Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
57
57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى.
مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.  [b]
2 خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا،
ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛
3 ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛
ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛
سېلاھ؛
خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ!
4 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛
مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن!
ئادەم بالىلىرى ــ
ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر،
ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!
5 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي![c]
6 ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛
جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛
ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى،
لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.[d]
7 ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛
مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ،
بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن![e]
8 ئويغان، ئى روھىم!
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان!
مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.
9 مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛
ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! [g]
10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. [h]
11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!