Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
54
54-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قىلغان دۇئا
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان):
 
ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. «زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.  1سام. 23‏:19-28؛ 26‏:1
2 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن.
3 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛
زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛
ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ.
سېلاھ.«يات ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى» ــ ياكى «تەكەببۇر ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى».
4 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛
رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر.
سېلاھ.
5 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛
ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.
6 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛
نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.«مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن» ــ «خالىس قۇربانلىقلار»: مۇسا پەيغەمبەر تۈزگەن نىزام بويىچە، «خالىس قۇربانلىق» خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مەلۇم ئىلتىپاتى ياكى شەپقىتى ئۈچۈن رەھمەتلەرنى بىلدۈرىدىغان بىرخىل قۇربانلىق.
7 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛
دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.