Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
47
47-كۈي •••• خۇدا مەڭگۈ غەلىبە قىلغۇچىدۇر
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار!
ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!
2 چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر،
پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. «...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
3 ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ،
بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. «... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ».
4 ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ،
يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى.
سېلاھ!
5 خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە،
پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛
6 خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
7 خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛
زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
8 خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
9 ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ،
ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛
چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛
ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! «... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر» ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».