45
45-كۈي •••• پادىشاھنىڭ توي مۇناجىتى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ
قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛
پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛
تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛□«ئىزاھات» ــ گەرچە بۇ كۈي سۇلايماننىڭ توي كۈنىنى تەبرىكلەشكە يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر بېشارەت بولۇپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى بولىدىغان مەسىھنىمۇ ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھقا بېغىشلىغان ئەسىرىمنى ئېيتىمەن».
2 ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛
لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛
شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى.
3 ئى بۈيۈك بولغۇچى،
قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا،
ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن!
4 ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا،
شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس!
شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ!■زەك. 9:9
5 سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر،
ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛
پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ.
6 سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛
پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.□«سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر» ــ ئىنجىلدىكى «ئىبرانىيلارغا» دېگەن قىسىمدا (1-بابتا) كۆرسەتكەندەك، بۇ سۆزلەر (شۇنداقلا كېيىنكى 7-ئايەتكىچە) بېشارەتلىك سۈپەتتە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە (يەنى مەسىھكە) ئېيتىلىدۇ («ئىبر.» 8:1-9). ■ئىبر. 1:8
7 سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛
شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى.□«شۇڭا خۇدا ... سېنى ... شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى» ــ «مەسىھ قىلىش» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ھەم «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ■يەش. 61:1-2؛ روس. 10:38
8 سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛
پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ. ■يەش. 61:1-2؛ روس. 10:38
9 پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛
خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن زىبۇ-زىنەتلەرنى تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛□«ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر» ــ ياكى «مۆھتەررەم مېھمانلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر».
10 «ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛
ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال!
11 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛
ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل».
12 تۇر شەھىرىنىڭ قىزى ئالدىڭدا سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛
خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛□«تۇر شەھىرىنىڭ قىزى» ــ تۇر شەھىرىدىكى پۇقرالارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ■زەب. 72:10-11
13 شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر،
ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛□«شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ قىزى ئىچكى ھۇجرىدا شەرەپلىكتۇر».
14 ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛
كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛□«كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ» ــ «يېنىڭغا» توي قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىنى كۆرسەتسە كېرەك.
15 ئۇلار خۇشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛
ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ.
16 «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛
سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن.□«ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن...» ــ بۇ سۆزلەر (16- ھەم 17-ئايەت) پادىشاھقا بىۋاسىتە ئېيتىلىدۇ.
17 مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛
شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ».
- زەبۇر
- a
-
«ئىزاھات» ــ گەرچە بۇ كۈي سۇلايماننىڭ توي كۈنىنى تەبرىكلەشكە يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر بېشارەت بولۇپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى بولىدىغان مەسىھنىمۇ ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھقا بېغىشلىغان ئەسىرىمنى ئېيتىمەن».
- c «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر» ــ ئىنجىلدىكى «ئىبرانىيلارغا» دېگەن قىسىمدا (1-بابتا) كۆرسەتكەندەك، بۇ سۆزلەر (شۇنداقلا كېيىنكى 7-ئايەتكىچە) بېشارەتلىك سۈپەتتە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە (يەنى مەسىھكە) ئېيتىلىدۇ («ئىبر.» 8:1-9).
■45:6 ئىبر. 1:8
- e «شۇڭا خۇدا ... سېنى ... شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى» ــ «مەسىھ قىلىش» توغرۇلۇق 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ھەم «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■45:7 يەش. 61:1-2؛ روس. 10:38
■45:8 يەش. 61:1-2؛ روس. 10:38
- h «ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر» ــ ياكى «مۆھتەررەم مېھمانلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر».
- ~9~ «تۇر شەھىرىنىڭ قىزى» ــ تۇر شەھىرىدىكى پۇقرالارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■45:12 زەب. 72:10-11
- ~11~ «شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ قىزى ئىچكى ھۇجرىدا شەرەپلىكتۇر».
- ~12~ «كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ» ــ «يېنىڭغا» توي قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىنى كۆرسەتسە كېرەك.
- ~13~ «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن...» ــ بۇ سۆزلەر (16- ھەم 17-ئايەت) پادىشاھقا بىۋاسىتە ئېيتىلىدۇ.
■45:4 زەك. 9:9
- c «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر» ــ ئىنجىلدىكى «ئىبرانىيلارغا» دېگەن قىسىمدا (1-بابتا) كۆرسەتكەندەك، بۇ سۆزلەر (شۇنداقلا كېيىنكى 7-ئايەتكىچە) بېشارەتلىك سۈپەتتە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە (يەنى مەسىھكە) ئېيتىلىدۇ («ئىبر.» 8:1-9).