3
3-كۈي •••• سەھەردىكى دۇئا
1 داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن،
مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ!□«داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن. [b]
2 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ
«خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ.
3 بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛
شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!□«شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
4 ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن،
ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ.
سېلاھ.
5 مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛
ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ.[e]
6 مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ،
مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن![f]
7 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر!
مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم!
مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛
رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!
8 نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛
بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن!
سېلاھ![g]
- زەبۇر
- a
-
«داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن.
- b 2سام. 15،16،17،18
- c «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «سېلاھ» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.
- d «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
- e زەب. 4:8
- f زەب. 27:3
- g پەند. 21:31؛ يەش. 43:11؛ يەر. 3:23؛ ھوش. 13:4؛ ۋەھ. 7:10؛ 19:1