Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
26
26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛
مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. ◼«مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».  [b]
2 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ ◼«ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
3 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.
4 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. [d]
5 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن.
6 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.
7 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.
8 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى،
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛
9 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن،
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛
10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر،
ئوڭ قولى پارىلارغا تولدى.
11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرۈۋېرىمەن؛
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن،
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. ◼«مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.
12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.