Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
24
24-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسى
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛
ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرىۋاتقانلارمۇ؛مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 50‏:12؛ 1كور. 10‏:26،28
2 چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،
يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر.
3 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟
ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ زەب. 15‏:1؛ يەش. 33‏:14،15
4 ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ،
قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان،
يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. «قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان» ــ «قۇرۇق نەرسىلەر» بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
5 بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى،
ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛«... تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرىدۇ» ــ بۇ ئىككى پېئىل ئىبرانىي تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
6 بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر،
يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!
سېلاھ!«...يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر بولغان ياقۇپتىن ئىبارەتتۇر».
7 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
كەڭ ئېچىلىڭلار!
ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!
شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!«ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!» ــ قەدىمكى زامانلاردا قوۋۇقلار ئېچىلغاندا يۇقىرىدىن كۆتۈرۈلەتتى.
8 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟
ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر!
پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر!
9 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
كەڭ ئېچىلىڭلار!
ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
10 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟
ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر!
سېلاھ!