20
20-كۈي •••• ئىسرائىل خەلقى خۇدا مەسىھ قىلغان پادىشاھنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي!
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!□«ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!» ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
2 ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي،
زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛
3 بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي،
كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي!
سېلاھ!
4 كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي،
كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
5 بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز،
خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛
پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
6 ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.□«پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى» ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
7 بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا،
بەزىلەر ئاتلارغا تايىنىدۇ؛
بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛
8 ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛
بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز.
9 ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛
نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!□«ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ
«ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن!
بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»
«ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن!
بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»
- زەبۇر
- a
-
«ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!» ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
- b «پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى» ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
- c «ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن! بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»