Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
15
15-كۈي •••• كىم خۇدا ئالدىدا تۇرالايدۇ؟
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟
كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟
2 كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا،
ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە،
كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛زەب. 24‏:4؛ يەش. 33‏:15
3 تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا،
ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا،
قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا،
4 پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا،
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە،
ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە،
5 پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە،
بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛
كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا،
مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.