149
149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛
مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛
زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! [a]
3 ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛
ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي! [b]
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛
ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5 ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،
6 ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ [d]
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،
خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8 ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،
ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ [e]
9 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ
ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!
ھەمدۇسانا! [f]
- زەبۇر
- a
-
زەب. 100:3
- b زەب. 81:2-4
- c «ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.
- d 2تېـس. 2:8؛ ئىبر. 4:12؛ ۋەھ. 1:16
- e مات. 18:18
- f قان. 4:6
Languages