148
148-كۈي •••• پۈتكۈل ئالەم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛
يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛[a]
2 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى!
3 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي،
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛
4 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى،
ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار!
5 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛[b]
6 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛
ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان.[c]
7 پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار،
دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛
8 ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان،
ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛
9 تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر،
مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى،
10 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار،
ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛
11 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار،
ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛
12 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار،
بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ
13 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛
ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.[d]
14 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى،
يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛
ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى،
ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر!
ھەمدۇسانا!□«ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ. [f]
- زەبۇر
- a
-
لۇقا 2:14؛ ۋەھ. 5:13
- b يار. 1:6-31؛ زەب. 33:6، 9
- c ئايۇپ 14:5،13؛ 26:10؛ 38:33؛ زەب. 104:5؛ 119:91؛ يەر. 31:35؛ 33:25
- d پەند. 18:10؛ يەش. 12:4
- e «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.
- f زەب. 132:17