Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
143
143-كۈي •••• روھىم تۈگىشەي دەپ قالدى!
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
2 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛
چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.رىم. 3، 4؛ گال. 3، 4
3 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا،
ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛
مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك،
قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛
ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.
5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛
سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛
قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن.زەب. 77‏:5-12
6 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛
جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
سېلاھ.
7 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛
دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛
بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
8 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛
چۈنكى تايانغىنىم سەن؛
مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛زەب. 25‏:1
9 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛
باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.
10 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛
چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛
سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛«...مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي» ــ ياكى «... مېنى تۈز كۆڭۈللەرنىڭ زېمىنىدا يېتەكلىگەي»، «... مېنى دىيانەتلىك زېمىندا يېتەكلىگەي».
11 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.
12 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛
جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛
چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن.زەب. 86‏:14-16؛ 116‏:16