Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
132
132-كۈي •••• خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇدانىڭ داۋۇتقا بولغان ۋەدىسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛«ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛....» ــ بۇ كۈي بىرىنچىدىن، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىبادەتخانا قۇرۇشقا ئىچكەن قەسىمىنى بىلدۈرىدۇ ھەم شۇ چاغدىكى خۇدانىڭ داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ قىلغان ۋەدىسىنى («2سام.» 7-باب) ئەسلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، داۋۇتنىڭ كېيىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىم (يەنى ئەفراتاھ، ئۆز يۇرتى بولغان بەيت-لەھەمگە يېقىن) دېگەن جايدىن ئەكىلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا يېرۇسالېمغا كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ.
بۇ كۈي بەلكىم داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى (سۇلايمان ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرسى) پادىشاھ بولغاندا قىلغان دۇئاسى بولۇشى مۇمكىن.
«داۋۇت ... تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالار» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم داۋۇتنىڭ خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ئۆينى ياساشقا بولغان ئەجىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
2 ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن،
ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ
3‏-5 «پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى،
ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە،
ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن،
كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن،
كۆزۈمگە ئۇيقۇنى،
قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن».1تار. 15‏:1
6 مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛
ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛«... بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق» ــ «ئۇنىڭ خەۋىرى» بەلكىم بىرىنچىدىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن بېشارەتلىك ھالدا مەسىھنىڭ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق» ــ ياكى «ئۇنى يائارنىڭ ئېتىزلىرىدىن تاپتۇق». «يائار» «كىرىئات-يېئارىم» بولۇشى مۇمكىن («1سام.» 1:7نى كۆرۈڭ).
7 ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى،
ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛
8 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار،
سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن،
ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن!
9 كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن،
مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن!
10 قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن،
ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛«قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن» ــ بەلكىم داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغان ئەۋلادى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى. خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى» توغرۇلۇق يۇقىرىقى 2-كۈي ۋە ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
11 پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى،
ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ
ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛2سام. 7‏:12؛ 1پاد. 8‏:25؛ 2تار. 6‏:16؛ لۇقا 1‏:69
12 پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى،
ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا،
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن.
13 چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛
ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان.
14 مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛
مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛
چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن.زەب. 68‏:16؛ 132‏:8
15 مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛
ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛
16 ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن،
ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ.2تار. 6‏:41
17 مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛
ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛لۇقا 1‏:69
18 ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛
ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى.