Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
131
131-كۈي •••• كەمتەرلىككە ئىنتىلىش
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس،
نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛
مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ،
ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛2تار. 32‏:25؛ زەب. 101‏:4-5؛ پەند. 6‏:17؛ 16‏:5
2 بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك،
ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛
كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر.
3 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە!