Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
13
13-كۈي •••• قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟
سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟
قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
2 قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟
قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟
3 ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم!
ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە،
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن،
4 دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن،
رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن،
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن!
5 بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛
يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛
6 مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛
چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى.