129
129-كۈي •••• ئۇزۇن داۋام قىلغان جاپا-مۇشەققەتنى ئەسلەش
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ
ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ
2 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى،
بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس.
3 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن،
چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان».
4 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛
5 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن،
زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى!
6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛
ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛■ئايۇپ 8:12؛ 40:10
7 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛
باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛
8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛
پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.□«ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.
- زەبۇر
- ~2~ «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.
-
ئايۇپ 8:12؛ 40:10