Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
128
128-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىنىڭ بەختلىكى
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار،
ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر!
2 چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛
بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛
3 ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛
بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
4 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ.
5 پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛
سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛
6 پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛
ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي!