Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
124
124-كۈي •••• قۇتۇلۇش ئۈچۈن رەھمەتلەر
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،
ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ
2 بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،
كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا،
3 ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا،
ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛
4 شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛
كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛
5 داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى!
6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي!
ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى.
7 جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛
باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق!پەند. 6‏:5
8 ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر،
ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر!زەب. 121‏:2