101
101-كۈي •••• ئادىل پادىشاھ بولۇشقا بەل باغلاش
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن،
سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن.
2 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛
سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟
ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن.
3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن،
يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛
بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا.
4 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ،
ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر.
5 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا،
مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛
نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛
6 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر،
ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن!
كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ.
7 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ،
يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.
8 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن،
ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن.□«ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.
- زەبۇر
- a
-
«ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.