Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site

زەبۇر

1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! [a]
2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر!  [c]
3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.  [e]
4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرۇۋەتكەن توزاندەكتۇر. [f]
5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.