Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site

زەبۇر

1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر![a]
2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.[b]
3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.«ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.  [d]
4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.[e]
5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.