Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
31
پادىشاھقا نەسىھەت
1 تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن: «پادىشاھ لەمۇئەل» ــ بەزى ئالىملار «لەمۇئەل»نى سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبا ئۇنىڭغا قويغان لەقەم، دەپ قارايدۇ. ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر ئارىسىدا «لەمۇئەل» ئىسىملىك بىر پادىشاھ بىزگە نامەلۇم. «لەمۇئەل» دېگەننىڭ مەنىسى: «خۇدا ئۈچۈن». «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» ــ ئەگەر بۇ باب «ئاگۇر»نىڭ (1:30) سۆزىنىڭ داۋامى بولسا، ئۇنداختا «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ «دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى»نىڭ داۋامىنى كۆرسىتىدۇ.
2 ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟«ئى مېنىڭ ئامرىقىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى بالىياتقۇمنىڭ بالىسى!». «قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى قەسەملىرىمنىڭ بالىسى!».
3 كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛
ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!«ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە» ــ دېمەك، جىنسىي ھەۋەسلەرگە.  قان. 17‏:17
4 ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس،
ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس.
5 بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، مۇقەددەس بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ،
بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
6 كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن!
7 ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ،
قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!«ئۇلار شارابنى ئىچىپ، ... قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر كىنايىلىك، ھەجۋىي بولغىنى بىلەن، مسكىنلەرنىڭ شاراب ئىچىش سەۋەبىگىمۇ ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئايەت ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەرگىز تەستىقلىغان ئەمەس. كۆزدە تۇتۇلغىنى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.
8 ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن،
ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل.
9 سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل،
ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:16
 
پەزىلەتلىك ئايال
10 א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟
ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.«پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟...» ــ كېيىنكى 22 ئايەت شېئىر بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. بۇ 22 ئايەتنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئا-، ئە-، ب- قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش).  پەند. 12‏:4
11 ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ،
ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر!
12 ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ،
ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
13 ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ،
ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ.
14 ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش،
ئائىلىنى بېقىشتىكى ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ.
15 ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ،
ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ،
خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ.«... نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ» ــ ياكى «... ئىشنى تەقسىم قىلىدۇ».
16 ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛
قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ.
17 ח ئىشقا قاراپ ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار،
بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛
18 ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر،
كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار.
19 י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر،
بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار.
20 כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛
ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار.
21 ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ،
ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
22 מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛
ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر.
23 נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛
شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.«ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار» ــ كونا ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، يۇرتتىكى ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىدا يىغىن ئېچىپ سوت قىلاتتى.
24 ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛
بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ.
25 ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛
ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ.
26 פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ،
تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
27 צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ،
بىكارغا نان يېمەيدۇ.
28 ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛
ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ
29 ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر،
بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ.
30 ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر،
ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس،
پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ!
31 ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن!
ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!«ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، شەھەر دەرۋازىلىرى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ.

<- پەند-نەسىھەتلەر 30
  • پەند-نەسىھەتلەر
  • a