Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
10
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
1 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
 
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. [a]
2 ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. [b]
3 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4 ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. ◼«ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».  [d]
5 يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6 بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. ◼«ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».
7 ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8 دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. [f]
9 غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10 كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. ◼«ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەم باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».  [h]
12 ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. [i]
13 ئەقىل-ئىدراكلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. [j]
14 دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15 مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16 ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. ◼«...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».
17 نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18 ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. ◼«ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».
19 گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. ◼«ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».
21 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22 پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. ◼«ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە جاپا-مۇشەققەت ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قوشماس».
23 ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. ◼«يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.  [p]
24 يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25 يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26 ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. ◼«ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».
27 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. [r]
28 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. [s]
29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. [t]
30 ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32 ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.