23
بالاق بىلەن بالائامنىڭ قۇربانلىق سۇنۇشى
1 بالائام بالاققا: —
سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى. 2 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى. 3 بالائام بالاققا: —
سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى.
4 خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: —
مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى. 5 پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 6 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
بالائامنىڭ بىرىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى
7 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن،
موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ،
مۇنداق دېدى: —
كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن.
كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.□«كالام سۆزى» ــ خۇدا ئۆگەتكەن سۆز (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). گەرچە بالائام ئەسكى ئادەم، ھەتتا «ساختا پەيغەمبەر» ۋە پالچى بولغىنى بىلەن، خۇدا مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-شەپقىتىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
8 تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟
پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟
9 مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن،
دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛
مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم،
ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.■قان. 33:28
10 ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟
ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟
مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن،
مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!□«ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟» ــ مەنىسى بەلكىم «تولىلىقىدا توپىدەك بولغان ياقۇپنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟» ــ دېگەندەك بولۇشى كېرەك.
11 بالاق بالائامغا قاراپ: —
سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى.
12 — پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام.
13 بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى.
14 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى.□«زوفىمنىڭ دالاسى» ــ ياكى «كۆزەتچىلەرنىڭ دالاسى». 15 بالائام بالاققا: —
سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى.□«كۆرۈشۈپ كېلەي» ــ پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەلۋەتتە. بالائام بالاقنى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن، بەلكىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمايدۇ. 16 پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: —
سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.■چۆل. 22:35 17 بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
— پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق.
بالائامنىڭ ئىككىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى
18 بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: —
«ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن،
ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن.
19 تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ،
ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ.
ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟
ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟■1سام. 15:29؛ ياق. 1:17
20 مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى،
ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن.
21 ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن،
ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان.
خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە،
پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.□«ناھەقلىق» ــ ياكى «بالايئاپەت» ياكى «بالايئاپەتنىڭ سەۋەبى». «پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى» ــ ياكى «پادىشاھنىڭ (قارشى ئېلىنىش) تەنتەنىسى». ■زەب. 32:1، 2؛ 51:9-10؛ يەر. 50:20؛ رىم. 4:7
22 تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛
ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر.□«ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرى باردۇر». ■چۆل. 24:8
23 چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ،
ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ.
ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە،
ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: —
«تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!»
دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ!
24 مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ،
ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛
ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە،
ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە،
ھەرگىز ياتمايدۇ!».
25 بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى.
26 بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى.
بالائامنىڭ ئۈچىنچى قېتىم بېشارەت بېرىشى
27 بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى. 28 شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى.
29 بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى. 30 بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى.
- چۆل-باياۋاندىكى سەپەر
- a
-
«كالام سۆزى» ــ خۇدا ئۆگەتكەن سۆز (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). گەرچە بالائام ئەسكى ئادەم، ھەتتا «ساختا پەيغەمبەر» ۋە پالچى بولغىنى بىلەن، خۇدا مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-شەپقىتىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
- c «ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟» ــ مەنىسى بەلكىم «تولىلىقىدا توپىدەك بولغان ياقۇپنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟» ــ دېگەندەك بولۇشى كېرەك.
- d «زوفىمنىڭ دالاسى» ــ ياكى «كۆزەتچىلەرنىڭ دالاسى».
- e «كۆرۈشۈپ كېلەي» ــ پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەلۋەتتە. بالائام بالاقنى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن، بەلكىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمايدۇ.
■23:16 چۆل. 22:35
■23:19 1سام. 15:29؛ ياق. 1:17
- ~8~ «ناھەقلىق» ــ ياكى «بالايئاپەت» ياكى «بالايئاپەتنىڭ سەۋەبى». «پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى» ــ ياكى «پادىشاھنىڭ (قارشى ئېلىنىش) تەنتەنىسى».
■23:21 زەب. 32:1، 2؛ 51:9-10؛ يەر. 50:20؛ رىم. 4:7
- ~10~ «ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرى باردۇر».
■23:22 چۆل. 24:8
■23:9 قان. 33:28