16
كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى
1 لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون■چۆل. 26:9؛ 27:3؛ يەھ. 11 2 ئىسرائىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. 3 ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: —
سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى.
4-5 مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: —
ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 6 سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ 7 ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى.
8 مۇسا يەنە كوراھقا:
— ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 9-10 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟□«پەرۋەردىگار سىلەرنى، يەنى لاۋىيلارنى... ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، خۇدا ئەسلىدە لاۋىي قەبىلىسى ئىچىدىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە كاھىن بولۇشقا تاللىغانىدى، قالغان لاۋىيلارنى مۇقەددەس چېدىردىكى خىزمەتتە بولۇپ كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا بولۇشقا بېكىتكەنىدى. 11 شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى.
12 مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار:
— بارمايمىز! 13 سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟□«بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ...» ــ مۇشۇ ئادەملەر مىسىر زېمىنىنى ماختىماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى قۇللۇق ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى. 14 ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى.
15 بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: —
ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى.■1سام. 12:3
خۇدانىڭ جازاسى
16 مۇسا كوراھقا: —
ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. 17 ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى.
18 شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. 19 كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. 20 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: —
21 سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، 22 مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: —
ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.■چۆل. 27:16؛ ئىبر. 12:9
23 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 24 سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى.
25 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 26 مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى.
27 شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى.
28 مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: 29 — ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. 30 ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى.
31 مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. 32 يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى.■چۆل. 26:10؛ 27:3؛ قان. 11:6؛ زەب. 106:17 33 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. 34 ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
35 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.■زەب. 106:18
يادنامە قىلىشقا قالدۇرۇلغان خۇشبۇيدانلار
36 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
37 سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ 38 شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ.
39 شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. 40 شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر.
جامائەتنىڭ ھارۇننىڭ يالۋۇرۇشى سەۋەبىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى
41 ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: —
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. 42 ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. 43 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. 44 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
45 مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. 46 مۇسا ھارۇنغا: —
سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. 47 ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. 48 ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. 49 كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.□««كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر» توغرۇلۇق ــ ئىزاھات» ــ كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شۇنداق ئەشەددىي ئاقىۋەتكە ئۇچرىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ كېيىنكى بەزى ئەۋلادلىرى «زەبۇر»نىڭ بەزى قىسىملىرىنى (مەسىلەن، 42-49-كۈيلەرنى) يازغان. كوراھدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى 24-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەمرگە ئىتائەت قىلغان بولسا كېرەك. 50 ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى.
- چۆل-باياۋاندىكى سەپەر
- ~3~ «بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ...» ــ مۇشۇ ئادەملەر مىسىر زېمىنىنى ماختىماقچى بولۇپ، شۇ يەردىكى قۇللۇق ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى.
■16:15 1سام. 12:3
■16:22 چۆل. 27:16؛ ئىبر. 12:9
■16:32 چۆل. 26:10؛ 27:3؛ قان. 11:6؛ زەب. 106:17
■16:35 زەب. 106:18
- ~8~ ««كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر» توغرۇلۇق ــ ئىزاھات» ــ كوراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر شۇنداق ئەشەددىي ئاقىۋەتكە ئۇچرىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ كېيىنكى بەزى ئەۋلادلىرى «زەبۇر»نىڭ بەزى قىسىملىرىنى (مەسىلەن، 42-49-كۈيلەرنى) يازغان. كوراھدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى 24-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەمرگە ئىتائەت قىلغان بولسا كېرەك.
■16:1
-
چۆل. 26:9؛ 27:3؛ يەھ. 11
□16:9-10 «پەرۋەردىگار سىلەرنى، يەنى لاۋىيلارنى... ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، خۇدا ئەسلىدە لاۋىي قەبىلىسى ئىچىدىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە كاھىن بولۇشقا تاللىغانىدى، قالغان لاۋىيلارنى مۇقەددەس چېدىردىكى خىزمەتتە بولۇپ كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا بولۇشقا بېكىتكەنىدى.