Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
12
رەزىل ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل
مات. 21‏:33-46؛ لۇقا 20‏:9-19
1 ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ؛ ئۇ بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارىنى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ.زەب. 80‏:8-9؛ يەش. 5‏:1؛ يەر. 2‏:21؛ 12‏:10؛ مات. 21‏:33؛ لۇقا 20‏:9. 2 ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن تېگىشلىكىنى ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
3 لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 4 خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. 5 خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. 6 خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 7 لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ.يار. 37‏:18؛ زەب. 2‏:8؛ مات. 26‏:3؛ يـۇھ. 11‏:53 8 شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. 9 ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئۆزى كېلىپ باغۋەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ. 10 ئەمدى سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟ ــ
«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا،
بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى.  زەب. 118‏:22-23؛ يەش. 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ لۇقا 20‏:17؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:6.
11 بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر،
بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر»«... بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر» ــ تولۇق بېشارەت (10-11) «زەب.» 22:118-23دە تېپىلىدۇ.  زەب. 118‏:22،23
 
12 ئۇلار ئۇنىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەشتى؛ ھالبۇكى، خالايىقتىن قورقۇشۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
 
«قەيسەرگە باج تاپشۇرامدۇق؟» دېگەن قىلتاق
مات. 22‏:15-22؛ لۇقا 20‏:20-26
13 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىرنەچچە پەرىسىي ۋە ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى.
«ھېرودلار» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
  مات. 22‏:15؛ لۇقا 20‏:20. 14 ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. سىلىچە، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرىلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان. 15 زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى.
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا:
ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى.«ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي» ــ «دىنار» ياكى «دىنارىئۇس» دېگەن رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئۈستىگە قەيسەرنىڭ سۈرىتى بېسىلغانىدى، ئەلۋەتتە. بىر «دىنارىئۇس» تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولاتتى («مات.» 2:20نى كۆرۈڭ).
16 ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئۇلاردىن:
ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ قەيسەرنىڭ، ــ دېيىشتى ئۇلار.
17 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.«قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» ــ دېمەك، «قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).  مات. 17‏:25؛ 22‏:21؛ رىم. 13‏:7.
 
تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە
مات. 22‏:23-33؛ لۇقا 20‏:27-40
18 ئاندىن «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى:«سادۇقىيلار» ــ بۇ مەزھەپدىكىلەر توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.  مات. 22‏:23؛ لۇقا 20‏:27؛ روس. 23‏:8.
19 ــ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ...» ــ گرېك تىلىدا «بىرسنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۆلسە،...». «ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» ــ «قان.» 5:25.  يار. 38‏:8؛ قان. 25‏:5، 6. 20 بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى. 21 ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى. 22 شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. 23 ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى.
24 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟ 25 چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.مات. 22‏:30؛ 1يۇھ. 3‏:2.
26 ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە تەۋراتتا، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» ــ «مىس.» 6:3.  مىس. 3‏:6،15؛ مات. 22‏:31،32؛ روس. 7‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. 27 ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر! شۇڭا سىلەر قاتتىق ئېزىپ كەتكەنسىلەر!«ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!» ــ ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
 
ئەڭ مۇھىم ئەمر
مات. 22‏:34-40؛ لۇقا 10‏:25-28
28 ئۇلارغا يېقىن كەلگەن، مۇنازىرىلەشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن:
ــ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ ــ دەپ سورىدى.مات. 22‏:34؛ لۇقا 10‏:25.
29 ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئەڭ مۇھىم ئەمر شۇكى، «ئاڭلىغىن، ئەي ئىسرائىل! پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بولغان رەب بىردۇر. قان. 4‏:35؛ 6‏:4-5؛ 10‏:12؛ لۇقا 10‏:27. 30 پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر. 31 ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: ــ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ رىم. 13‏:9؛ گال. 5‏:14؛ ياق. 2‏:8.
32 تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: ــ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛ «چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» ــ «ئۇ» خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 33 ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر.
34 ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ:
ــ سەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسەن، ــ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.قان. 4‏:35؛ 6‏:4-5؛ يەش. 45‏:21
 
قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ــ داۋۇتنىڭ ئوغلى ھەم رەببى
مات. 22‏:41-46؛ لۇقا 20‏:41-44
35 ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى:
تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ مەسىھنى «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگىنىنى قانداق چۈشىنىسىلەر؟ «بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى» ــ گرېك تىلىدا «مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ». «داۋۇتنىڭ ئوغلى» ــ مۇشۇ يەردە «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى»نى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.  مات. 22‏:41؛ لۇقا 20‏:41. 36 چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ
«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە،
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!».«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ *«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ زەب.» 1:110.  زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئىبر. 1‏:13؛ 10‏:13.
37 داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟
ئۇ يەردىكى توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى خۇرسەنلىك بىلەن ئاڭلايتتى.«داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى (مەسىھ) قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.
 
ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى
مات. 23‏:1-36؛ لۇقا 20‏:45-47
38 ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەرگىنىدە مۇنداق دېدى:
ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا كېرىلىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن سالاملىرىغا، «تەۋرات ئۇستازلىرى... بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن سالاملىرىغا...ئامراق كېلىدۇ» ــ «ئۇزۇن» دېگەن سۆز گرېكچە تېكىستتە يوق؛ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.  مات. 23‏:5، 6؛ لۇقا 11‏:43؛ 20‏:46. 39 سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردە تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. 40 ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!مات. 23‏:14؛ لۇقا 20‏:47؛ 2تىم. 3‏:6؛ تىت. 1‏:11.
 
تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى
لۇقا 21‏:1-4
41 ئۇ ئىبادەتخانىدىكى سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇللىرىنى تاشلاۋاتقان خالايىققا قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تاشلاشتى. «سەدىقە ساندۇقى» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «خەزىنە»نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ئۈچۈن سەدىقىلەر يىغىلىدىغان جاي، بەلكىم چوڭ بىر ساندۇقنى كۆرسەتسە كېرەك.  2پاد. 12‏:10؛ لۇقا 21‏:1. 42 نامرات بىر تۇل ئايالمۇ كېلىپ، تىيىننىڭ تۆتتىن بىرى قىممىتىدىكى ئىككى لەپتوننى تاشلىدى.«ئىككى لەپتون» ــ «لەپتون» دېگەن بۇ پۇل «دېنارىئۇس»نىڭ 1/128ى بولۇپ، بىر ئىشلەمچىنىڭ «ئالتە مىنۇت»لۇق ھەققىگە توغرا كېلەتتى.
 
43 ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنى باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشلىغانلىرىدىن كۆپتۇر. 2كور. 8‏:12. 44 چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېشىپ تاشقانلىرىدىن سەدىقە قىلدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامرات تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ــ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىپ تاشلىدى.