Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
28
ئەيسانىڭ تىرىلىشى
مار. 16‏:1-8؛ لۇقا 24‏:1-12؛ يـۇھ. 20‏:1-10
1 شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى.[a] 2 ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. 3 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى.[b] 4 كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.
5 پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ:
ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.[c] 6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛[d] 7 ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى.«ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم» ــ پەرىشتە: «گالىلىيەگە بېرىڭلار» دېگەن بولسىمۇ، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ھېچيەرگە بارماي يېرۇسالېمدا تۇرىۋەردى. رەب ئۆزى ئۇلارغا شۇنداق ئەمرنى ئاللىقاچان بەرگەنىدى («مات.» 23:26، «مار.» 28:14نى كۆرۈڭ).  [f]
8 شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى.[g] 9 ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. «سالام سىلەرگە!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم» دېيىلىدۇ.  [i] 10 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى.«بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ» ــ 7-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەسىھنىڭ ئۆزى قايتىدىن ئۇلارغا شۇنداق خەۋەر يەتكۈزگىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا بىر مەزگىل يېرۇسالېمدىن چىقماي، گالىلىيەگە بارمايدۇ («مات.» 23:26، 14:28، «ماركۇس» 16-باب، «لۇقا» 24-باب، «يۇھ.» 20-21-بابلارنى كۆرۈڭ).  [k]
 
كۆزەتچىلەرنىڭ بايانى
11 ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى. 12 باش كاھىنلار ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ:
13 ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار. 14 ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. «ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز» ــ رىملىق مۇھاپىزەتچىلەر كۆزەتتە تۇرۇۋېتىپ ئۇخلىسا، دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى. 15 شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.
 
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى
مار. 16‏:14-18؛ لۇقا 24‏:36-49؛ يـۇھ. 20‏:19-23؛ مىس. 1‏:6-8
16 ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. [m] 17 ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى. 18 ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:
ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. [n] 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى ئۆزۈمگە مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ...» ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا كىرگۈزۈپ چۆمۈلدۈرۈپ،...». بۇنىڭ مەنىسى شۈبھىسىزكى، پەقەت «ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن»لا ئەمەس، بەلكى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرۈلگۈچىنىڭ ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگىمۇ (كىرىپ) چۆمۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.  [p] 20 ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.[q]

<- ماتتا 27
  • ماتتا
  • a