Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
19
تالاق قىلىش توغرىسىدا
مار. 10‏:1-12
1 شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چەت يەرلىرىگە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يۇرتلارغا باردى.[a] 2 توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىلا ساقايتتى.
3 ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.[b]
4 شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە«شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ،...؟» ــ بۇ پەرىسىيلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلەرنىڭ بىرى.  [d] 5 «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».[e] 6 شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.[f]
7 پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە:
ــ ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دەپ سوراشتى.«مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ» ــ ئەمرنىڭ توغرىسى «قان.» 1:24دە تېپىلىدۇ.  [h]
8 ئۇ ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 9 ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ.«ئىزاھات» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ. 32:5نى كۆرۈڭ.  [j]
10 مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
ــ ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، ــ دېدى.«ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن» ــ دېمەك، مۇخلىسلارنىڭ ئويلىشىچە، تالاق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا («چىقىش يولى بولمىسا)، ئۆيلىنىش ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.
11 ئۇ ئۇلارغا:
ــ بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت نېسىپ قىلىنغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. [l] 12 چۈنكى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار؛ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان بەزى ئاغۋاتلارمۇ بار؛ ۋە ئەرش پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلارمۇ بار. بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! ــ دېدى.«ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار» ــ «تۇغما ئاغۋاتلار» بەلكىم تۇغما جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلارنى، ئىشقسىز كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ «باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان» كونا زامانلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدا ھەرەمنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن پىچىۋېتىلگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلار» بەلكىم خۇدانىڭ خىزمىتىدە كۆپرەك ۋاقىت بولاي دەپ ئۆيلىنىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
ئەيسا ۋە كىچىك بالىلار
مار. 10‏:13-16؛ لۇقا 18‏:15-17
13 قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. [n] 14 ئەمما ئەيسا:
ــ بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، ــ دېدى. «ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر» ــ ياكى «ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر».  [p] 15 ۋە قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى.
 
پۇلدارلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلەمدۇ؟
مار. 10‏:17-31؛ لۇقا 18‏:18-30
16 مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.[q]
17 ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ نېمىشقا مەندىن ياخشىلىق توغرىسىدا سورايسەن؟ «ياخشى بولغۇچىلار» بولسا پەقەت بىرىلا بار. ئەمما ھاياتلىققا كىرىمەن دېسەڭ، ئەمرلەرگە ئەمەل قىل، ــ دېدى.
18 قايسى ئەمرلەرگە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، [r] 19 ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.«قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ (18-19-ئايەت) ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكى، ئەيسا «ئون پەرمان» ئىچىدىكى خۇداغا مۇناسىۋەتلىك پەرمانلارنى ياكى «(قوشناڭنىڭ نەرسىلىرىنى) تاما قىلما» دېگەن پەرماننى تىلغا ئالغىنى يوق.  [t]
20 ياش يىگىت ئۇنىڭغا: ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭا يەنە نېمە كەم؟ ــ دېدى.
21 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى.[u]
22 يىگىت مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 23 ئەيسا مۇخلىسلىرىغا:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بايلارنىڭ ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەسلىكتىلا بولىدۇ. [v] 24 ۋە يەنە شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
25 مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ:
ــ ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
26 ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:
ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى.«خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ» ــ گرېك تىلىدا: «خۇدا بىلەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ».  [x]
27 بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.[y]
28 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. [z] 29 مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. «مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ... ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەر..» ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ نامىم ئۈچۈن ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا... ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەر...».  [bb] 30 لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. [cc]