Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
6
ئەيسا «شابات كۈنى»نىڭ ئىگىسىدۇر
مات. 12‏:1-8؛ مار. 2‏:23-28
1 ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى.«ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»» ــ گرېك تىلىدا «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز «بىرىنچى»نى «مۇھىم» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. سەۋەبىنى تۆۋەندە چۈشەندۈرىمىز.
«ئىككىنچى «بىرىنچى شابات كۈنى»» دېگەن بۇ ئىبارىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئىككى پىكرى بار:

1-پىكىر: ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىككى خىل كالېندارى بار ئىدى. بىرىنچى كالېندار بابىللىقلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ كۈزدە («كاناي چىلىش ھېيتى» ياكى «بۇرغا ھېيتى» بىلەن) باشلىناتتى. بۇ كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى «بىرىنچى شابات» بولسا «تۇنجى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى كالېندار ئەتيازدا باشلىناتتى («مىس.» 2:12نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، ئىككىنچى كالېندار بويىچە، شۇ يىلدىكى بىرىنچى شابات «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى.
2-پىكىر: ــ بۇ «يەتتە ھەپتە ھېيتى»نىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى شابات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ («لاۋ.» 10:23-22نى كۆرۈڭ). شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە، بۇ ھېيتنىڭ ئىككىنچى شابات كۈنى «ئىككىنچى «بىرىنچى شابات»» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ پىكىر بويىچە «بىرىنچى» دېگەن سۆز مۇشۇ ئايەتتە ئاساسەن «مۇھىم» دېگەن مەنىدە.
بىزنىڭچە بۇ 2-پىكىر توغرىدۇر، چۈنكى «يېڭى يىل»نىڭ (ئەتىيازدىكى) «بىرىنچى شابات»ىدا، يېڭى بۇغداي ياكى ئارپا دانلىرىنى يېيىش چەكلەنگەنىدى، بەلكىم خۇداغا ئاتاش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 14:23-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ). نېمىلا بولمىسۇن، شۇ ۋاقىت ئەتىيازغا توغرا كېلەتتى.
  قان. 23‏:24؛ مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23. 2 لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا:
ــ سىلەر نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.«نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟» ــ «چەكلەنگەن ئىش» تەۋرات قانۇنىدا چەكلەنگەن، دېمەكچى. ئۇلارنىڭ شىكايەت قىلغىنى مۇخلىسلارنىڭ يېيىشى ئەمەس («قان.» 25:23نى كۆرۈڭ)، بەلكى شابات كۈنىدە مۇخلىسلارنىڭ «ھوسۇل ئالغانلىق»ى ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ.  مىس. 20‏:10.
3 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ سىلەر ھەتتا داۋۇت پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟«سىلەر ھەتتا داۋۇت پەيغەمبەر ... نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» ــ «ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟» دېگەن سۆز پەرىسىيلەرنىڭ دائىم رەقىبلىرىدىن سورايدىغان سوئال شەكلى ئىدى. 4 دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى.«دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى سوراپ ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن» ــ بۇ ۋەقە «1سام.» 1:21-7دە خاتىرىلەنگەن. 5 ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا:
ــ ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.مات. 12‏:8؛ مار. 2‏:28.
6 يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.مات. 12‏:9؛ مار. 3‏:1. 7 ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.«...ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى» ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ. 8 بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە:
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. 9 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 10 ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە:
ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى. «ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى» ــ «ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ» دېگەن پېئىلنىڭ مەجھۇل شەكلى بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟  1پاد. 13‏:6. 11 لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.«ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ...» ــ «ئۇلار» 7-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر».
 
ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى تاللىشى
مات. 10‏:1-4؛ مار. 3‏:13-19
12 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 13 تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى. مات. 10‏:1؛ مار. 3‏:13؛ 6‏:7؛ لۇقا 9‏:1. 14 ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، 15 ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون، «مىللەتپەرۋەر» ــ ياكى، «قانائانلىق». يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى. 16 ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.«ياقۇپنىڭ ئوغلى» ــ بۇ ياقۇپ 14- ۋە 15-ئايەتتىكى «ياقۇپ»لاردىن باشقىسى بولسا كېرەك. «ياقۇپنىڭ ئوغلى» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ياقۇپنىڭ ئىنىسى» دېيىلىدۇ.
 
ئەيسانىڭ كېسەللەرنى ساقايتىشى ۋە تەلىم بېرىشى
مات. 4‏:23-25؛ 5‏:1-12
17 ئەيسا روسۇللىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. مات. 4‏:25؛ مار. 3‏:7. 18 ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. 19 بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.مار. 5‏:30.
 
خۇشاللىق ۋە قايغۇ
20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:
ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.«مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار!» ــ «يوقسۇللار» بەلكىم ئۆزىنىڭ خۇداغا قەتئىي موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر. بۇ ئايەتلەردە «مۇبارەك» دېگەن سۆز (خۇدا تەرىپىدىن) «بەختلىك، بەرىكەتلىك قىلىنغان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.  مات. 5‏:2.
21 مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر.
مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر.يەش. 61‏:3؛ 65‏:13؛ 66‏:10.
22 كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! مات. 5‏:11؛ 1پېت. 2‏:19؛ 3‏:14؛ 4‏:14. 23 شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.روس. 5‏:41؛ 7‏:51.
 
24 ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار!
چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت-پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار!ئام. 6‏:1، 8.
25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار!
چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار!
چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر.يەش. 65‏:13؛ ياق. 4‏:9؛ 5‏:1.
26 ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان».
 
دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار
مات. 5‏:38-48؛ 7‏:12
27 ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. مىس. 23‏:4؛ پەند. 25‏:21؛ مات. 5‏:44؛ رىم. 12‏:20؛ 1كور. 4‏:12. 28 سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. لۇقا 23‏:34؛ روس. 7‏:60. 29 بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. 1كور. 6‏:7. 30 بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. «بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن» ــ نېمىنى بېرىش كېرەكلىكىنى رەببىمىز ئېيتمىدى. بەزى ئەھۋالدا تىلىگۈچىگە تىلىگىنىنى بەرسەك ئۇنىڭغا پايدا ئەمەس، بەلكى زىيان يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھاراقكەش ئادەم پۇل ياكى ھاراق تىلىسە بۇنى بەرسەك بولمايدۇ؛ لېكىن مۇمكىن بولسا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىز كېرەك. باشقا مىسال «روس.» 1:3-11دە تېپىلىدۇ، بولۇپمۇ 6-ئايەتنى كۆرۈڭ.  قان. 15‏:7؛ مات. 5‏:42. 31 باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. مات. 7‏:12. 32 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. مات. 5‏:46. 33 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34 ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! قان. 15‏:8؛ مات. 5‏:42. 35 لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر» ــ دېمەك، ئەمەللىرىڭلار بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىدۇ.  مات. 5‏:45. 36 ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.
 
باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار
مات. 7‏:1-5
37 ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. مات. 7‏:1؛ رىم. 2‏:1؛ 1كور. 4‏:5. 38 بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.«سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قۇينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ» ــ ئوتتۇرا شەرقتە بىرسى بىراۋغا ئاشلىق ھەدىيە قىلماقچى بولسا (1) ئاشنى خالتىغا لىق قاچىلايدۇ؛ (2) دانلار چىڭدىلىپ چۈشسۇن دەپ خالتىنى سىلكىيدۇ؛ (3) چىڭدالغان دانلارنىڭ ئۈستىگە «تېشىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە» يەنە قاچىلايدۇ.  پەند. 10‏:22؛ 19‏:17؛ مات. 7‏:2؛ مار. 4‏:24.
39 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟ يەش. 42‏:19؛ مات. 15‏:14. 40 مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.«مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈشى مۇمكىن، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مات. 10‏:24؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 15‏:20.
41 ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل» ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىل». «ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!» ــ مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟» دېگەندەك.  مات. 7‏:3. 42 سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. 43 چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. مات. 7‏:17؛ 12‏:33. 44 ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس. مات. 7‏:16. 45 ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.مات. 12‏:35.
 
ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر
مات. 7‏:24-27
46 ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ مال. 1‏:6؛ مات. 7‏:21؛ 25‏:11؛ لۇقا 13‏:25؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:22. 47 ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. مات. 7‏:24. 48 ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. 49 لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!