Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
17
بۇتپەرەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ توغرا ئىبادەت توغرۇلۇق
1 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ
3‏-4 ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. «ئىزاھات» ــ بۇ ئايەت يەنە «ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلاپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنمىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ تەرجىمىنى قوللايدىغان پىكىرلەرگە مايىل ئەمەسمىز. چۈنكى ئالتە يۈز مىڭ ئائىلىلىك ھەر كۈنى ئۆزلىرى ئۈچۈن (قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس) سويىدىغان مالنى «چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا» سويۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

«ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش» ــ خۇدانىڭ ئۆزى شۇ ئادەمنىڭ بېشىغا بىۋاسىتە جازا چۈشۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. بىزنىڭچە بۇ سۆزلەر (باشقا سۆزلەر قوشۇلمىغان ئەھۋالدا) ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەر شۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشىڭلار كېرەك» دېگەنلىك ئەمەس.
5 بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر. 6 كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. مىس. 29‏:18؛ لاۋ. 4‏:31 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.
8 سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، 9 ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن.
 
قان يېمەسلىك توغرۇلۇق
10 ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. يار. 9‏:4؛ لاۋ. 3‏:17؛ 7‏:27؛ 19‏:26؛ قان. 12‏:23،16؛ 1سام. 14‏:33 11 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. «ھەربىر جانىۋارنىڭ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەربىر ئەت ئىگىسىنىڭ». 12 شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. 13 ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. 14 چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم.يار. 9‏:4
 
ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى توغرۇلۇق
15 كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. مىس. 22‏:31؛ لاۋ. 11‏:40؛ ئ‍ەز. 44‏:31 16 لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.