Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
22
ئېلىفاز يەنە سۆز قىلىدۇ: ــ •••• خاتا پەرەزلەر ــ ئايۇپقا قارىتىلغان ھۇجۇملار
1 ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ
2 ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟
دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟
3 سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟
يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟«... يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟» ــ 1-باب، 8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئايۇپتىن ئالغان رازىلىقى، خۇرسەنلىكى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ، تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» دېگەن قىسمىدا بىز خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھللىرى تۈپەيلىدىن بولغان ئىنتايىن ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەردار بولىمىز. شۇڭا ئېلىفازنىڭ 2-ئايەت ۋە 3-ئايەتتىكى بۇ سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز لازىم.
4 ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى،
ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟
5 سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟
سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟
6 سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛
سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن.مىس. 22‏:26 ،27؛ قان. 24‏:6 ،10-13
7 ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ،
ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ،
8 گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ،
يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ،
9 سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن،
يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن.«سەن ... يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن» ــ شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئېلىفازنىڭ بۇ شىكايەتلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر.
10 مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ،
ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ.
11 شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى،
بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى.
12 تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق!
13 بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟
ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن.
14 يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ،
شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن.
15 يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟
16 ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن،
ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن.«ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ...، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن» ــ بۇ يەردە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە توپان ئېقىتىپ كەتكەن رەزىل ئادەملەر كۆرستىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
17 ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!»
ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى.ئايۇپ 21‏:14
18 بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر،
مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن!«ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر» ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ «يامانلار بەزىدە بېيىپ ئاۋاتلىشىدۇ» دېگەن پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئازراق قوبۇل قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا: «يامانلار تېز بەربات بولىدۇ» دەيدۇ.  ئايۇپ 21‏:16
19 ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛
بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ زەب. 107‏:42
20 «بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ،
ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ.
21 شۇڭا خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ،
شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛
شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ.
22 ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل،
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.« خۇدانىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل،...» ــ ئېلىفاز ئۆزىنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنى «خۇدانىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەت» دەپ قارىسا كېرەك.
23 سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى،
قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛
ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،ئايۇپ 8‏:5، 6
24 ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ،
ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ،«ئەگەر سەن ... ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ» ــ ئېلىفاز بەلكىم ئايۇپنى ئالتۇنلارغا ئىنتايىن ئاچ كۆز ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرگە پايدا يەتكۈزەلەيدىغىنى بىلەن، ئايۇپ ئاچ كۆز ئادەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم بەرمەيدۇ.
بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوفىردىكى ئالتۇن» ناھايىتى ئېسىل بىر خىل ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ.
25 ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ.
سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ.
26 ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن،
يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن.
27 سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ،
شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن.
28 سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ،
يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.
29 ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن،
شۇنىڭ بىلەن خۇدا چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ.پەند. 29‏:23
30 ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ،
ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. «ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ» ــ قىزىق ئىش شۇكى، ئېلىفازنىڭ ئۆزى ئاخىردا ئايۇپنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ (42-باب).