- يۇھاننا
- a
-
«ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى» ــ «زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان» ئايال بار ئىدى، لېكىن ئەركەك قېنى؟
- b «مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان» ــ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار پەقەت «ئاياللار»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە زىنا قىلغان ئەركەكلەرنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك ئىدى.
■8:5 لاۋ. 20:10؛ قان. 22:22.
- d «ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى» ــ ئەگەر ئەيسا «بۇ ئايالغا رەھىم قىلىش كېرەك» دېسە، ئۇلار دەرھال «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى ئۈندەيسەن، دەيتتى. باشقا بىر تەرەپتىن، شۇ چاغدا يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھېچكىمگە ئۆلۈم جازاسىنى بەجا كەلتۈرۈش ھوقۇقى يوق ئىدى. شۇڭا ئەگەر ئەيسا «چالما-كېسەك قىلىنسۇن» دېسە، ئۇ چاغدا ئۇلار رىملىقلارغا «مۇشۇ كىشى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقتى!» دېگەندەك شىكايەت قىلاتتى.
■8:7 قان. 17:7.
■8:8 يەر. 17:13
- g «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» دېيىلىدۇ.
- h «مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن!» ــ 53:7-11:8-ئايەتلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. بىزنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ «زىنا گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى» توغرىسىدىكى ئايەتلەر بەزى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ زىتىغا قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك.
■8:11 يـۇھ. 5:14.
■8:12 يەش. 42:16؛ يـۇھ. 1:9؛ 9:5؛ 12:35،36.
■8:14 يـۇھ. 5:31.
- l «سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر» ــ «ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ يەرلەردە ئىنسانلارنىڭ خۇداغا تايانماي ئۆزلۈكىدىن ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.
- m «بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر» ــ ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيادا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايتتى (سوراققا تارتمايتتى)، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈستىگە، توغرا، توغرا ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. پەقەت ئاخىرەتكە كەلگەندە ئاندىن ئۇ بارلىق كىشىلەرنى سوراققا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر بولسا ئۆزلىرىنى سوراقچى، مەسىھنى سوراققا تارتىش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتى. «مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا مەن بىلەن بىللىدۇر» ــ «بۇ ئىشتا» دېگەن سۆزلەر ئەينى تېكىستتە بولمىسىمۇ، مەنىسى دەل «مېنىڭ ھۆكۈم قىلغىنىم پەقەت ئۆزۈمدىن ئەمەس، بۇنىڭدا ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر» دېگەندەكتۇر.
- n «سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا...» ــ گرېك تىلىدا «سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىڭلاردا» دېيىلىدۇ. بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپتۇر. پەرىيسىلەر دائىم: «تەۋرات قانۇنىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر پەقەت بىزلەرمىز» دەپ ھالىنى چوڭ قىلىپ يۈرۈشەتتى. ئەمەلىيەتتە «تەۋرات قانۇنى» خۇدانىڭ بارلىق خەلقىگە تەۋە ئىدى، ئەلۋەتتە. 34:10 ۋە 25:15نىمۇ كۆرۈڭ. «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» ــ «قان.» 6:17.
■8:17 چۆل. 35:30؛ قان. 17:6؛ 19:15؛ مات. 18:16؛ 2كور. 13:1؛ ئىبر. 10:28.
■8:18 مات. 3:17؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ 9:7؛ لۇقا 3:22؛ 9:35؛ يـۇھ. 1:33؛ 5:37؛ 6:27.
■8:19 يـۇھ. 14:9؛ 16:3.
- r «سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا» ــ ياكى «خەزىنىدە».
■8:20 يـۇھ. 7:30.
■8:21 يـۇھ. 7:34؛ 13:33.
■8:23 يـۇھ. 3:31.
- v «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» ــ ياكى «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «مەن بولىمەن» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر». «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ياكى ««مەن بولىمەن» ــ بۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشكارىلىغان نامى بولۇپ («مىس.» 14:3)، ئەيسامۇ بۇ نامنى ئۆزىگە قوللانغان. باشقا بىر تەرجىمىسى: «مېنىڭ ئۇ (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە...». لېكىن «يۇھاننا»دا ئوخشاش شۇ ئىبارە تېپىلىدىغان كۆپ باشقا ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا (مەسىلەن، 28-، 58-ئايەت) بۇ تەرجىمىمىز توغرا بولۇشى كېرەك.
■8:24 يـۇھ. 8:21.
- ~24~ «ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن» ــ مەسىھنىڭ پەرىسىيلەرگە ئېيتقان باشقا كۆپ سۆزلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۆزى ئىنتايىن ئىخچامدۇر. بىزنىڭچە ئومۇمىي مەنىسى: «سىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىم بار. بۇ سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمدىن ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامدىندۇر؛ شۇڭا ئىشىنىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى نېمىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام، شۇنى دۇنياغا ئېيتىمەن» دېگەندەك بولسا كېرەك.
■8:26 يـۇھ. 7:28؛ 15:15؛ رىم. 3:4.
- ~26~ «ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى» ــ «ئاتا» ئۆز ئاتىسى خۇدا، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، مەسىھنىڭ نېمىشقا بەزىدە پەقەت «ئاتا» ۋە باشقا يەرلەردە «ئاتام» دېيىشىنى تەتقىق قىلىش بەك پايدىلىق ئىشتۇر.
- ~27~ «سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن...» ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى» ئاۋۋال ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى، ئاندىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشىنمۇ كۆرسىتىدۇ. 32:12-34نىمۇ كۆرۈڭ. «مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر» ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■8:28 چۆل. 21:9؛ 2پاد. 18:4؛ يـۇھ. 3:11، 14؛ 7:16؛ 12:32، 49؛ 14:10.
■8:29 يـۇھ. 14:10؛ 16:32.
■8:30 يـۇھ. 7:31.
■8:32 رىم. 6:18؛ گال. 5:1؛ 1پېت. 2:16.
■8:33 مات. 3:9.
■8:34 رىم. 6:20؛ 2پېت. 2:1.
- ~34~ «قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ» ــ دېمەك، بىرسى «قۇل» بولسا (مۇشۇ يەردە «گۇناھنىڭ قۇلى») ھەرقانداق ئۆي ئىگىسى بىلەن مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزاسى بولالمايدۇ؛ پەقەت ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنلا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى «ئۆي ئىگىسى» خۇدا بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئىش 36-ئايەتتىكى ھەقىقەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ.
- ~35~ «شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. «قۇل» «قۇل»نى ئازاد قىلمايدۇ، «قۇل»نى ئازاد قىلالايدىغان پەقەت ئۆزى ئازاد بولغان كىشى، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇ دۇنيادا كىم گۇناھدىن ئازادتۇر؟ مەسىھدىن باشقا ھەربىر كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، ھەقىقىي ئازاد بولغان كىشى پەقەت «ئوغۇل»، يەنى مەسىھدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنى (ئۇلاردا ئېتىقاد بولسا) گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئازاد قىلالايدۇ.
■8:36 رىم. 8:2.
- ~37~ «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!» ــ ياكى «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!».
■8:38 يـۇھ. 3:11؛ 7:16؛ 12:49؛ 14:10، 24.
■8:39 رىم. 2:28؛ 9:7.
■8:40 يـۇھ. 17:17.
- ~41~ «سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر!» ــ «ئۆز ئاتاڭلار» ــ ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 44-ئايەتنى كۆرۈڭ. «بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز!» ــ بۇ دارىتما گەپ. ئۇلار ئەيسانىڭ مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى «بىر ئاتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس»، بەلكى «ھارامدىن بولغان» دەپ پۇرىتىپ، ئۇنىڭدىن ئېۋەن تاپماقچى ئىدى.
- ~42~ «مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ...» ــ گرېك تىلىدا «مەن خۇدانىڭ ئىچىدىن چىقىپ...».
■8:42 يـۇھ. 5:43؛ 7:29.
- ~44~ «... ئىبلىس يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر» ــ ياكى «... ئۇ (ئىبلىس) يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر».
■8:44 يار. 3:1؛ 2كور. 11:3؛ 1يۇھ. 3:8.
■8:47 يـۇھ. 6:37؛ 10:26،27؛ 1يۇھ. 4:6.
- ~47~ ««سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن» ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە سامارىيەلىكلەر خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغان كاپىرلار ۋە جىن تەگكەنلەردۇر.
■8:48 يـۇھ. 7:20؛ 10:20.
■8:49 يـۇھ. 7:18.
■8:51 يـۇھ. 5:24؛ 11:25.
■8:53 ئىبر. 11:13.
- ~52~ «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى» ــ ئەيسانىڭ «مېنىڭ كۈنۈم» دېگىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە: (1) ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ شان-شەرەپ ئىچىدە قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم قاچان ئالدىنئالا بۇنى كۆرگەن؟ يەھۇدىي «راببىلار»نىڭ كۆپىنچىسى «ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشقا سۇنغان ۋاقىتتا باقىي ئالەم ئۇنىڭغا ئايان قىلىنغان» دەپ قارايتتى ۋە بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز.
■8:56 يار. 17:17؛ لۇقا 10:24؛ ئىبر. 11:13.
- ~54~ «ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن!» ــ «مەن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگىنى يەنىلا «مىس.» 14:3دە، مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان، خۇدانىڭ «مەن ئۆزۈمدۇرمەن»، ياكى بولمىسا «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن ئۇلۇغ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسانىڭ بۇ نامنى ئۆزىگە ئالغىنى ئۇنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۇنىڭ بۇ گېپىنى توغرا چۈشىنىدۇ، لېكىن قەتئىي ئىشەنمەيدۇ (59-ئايەتنى كۆرۈڭ).
- ~55~ «بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى» ــ يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەتتى، لېكىن ئىشەنمەي «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى!» دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. «لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى» ــ بەزى كۆنا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى» دېيىلىدۇ.
■8:59 لۇقا 4:29؛ يـۇھ. 10:31،39؛ 11:8.
- b «مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان» ــ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار پەقەت «ئاياللار»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە زىنا قىلغان ئەركەكلەرنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك ئىدى.