«زەب.» 15:78-16، «پەند.» 23:4، «يەش.» 3:44، 1:55، «ئەز.» 1:47-12، «يو.» 18:3، «زەك.» 1:13، 8:14مۇ بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ تۆكۈلۈشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ■يەش. 12:3. 39 (ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى).■يەش. 44:3؛ يو. 2:27-29؛ روس. 2:17.
- يۇھاننا
- b «مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!» ــ ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم: «مۇھىم مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ كۆپى گالىلىيە دېگەن مۇشۇ نامرات، پىنھان جايدىن ئەمەس، بەلكى پايتەخت يېرۇسالېمدىدۇر؛ سەن شۇ يەردە ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي نام-ئىناۋىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭ بولىدۇ» دېگەندەك بولسا كېرەك. سەل غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىگىنى بىلەن (5-ئايەتنى كۆرۈڭ): «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولاي دېسەڭ، كارامەت ئەمەللىرىڭنى ئوچۇق مەيدانىدا كۆرسىتىشىڭ كېرەك» دېگەن گۇمانىي نەسىھەتنى بەرگەن (4-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■7:5 مار. 3:21.
- d «سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم ئىنتايىن ئاددىيدۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنى ۋە باشپاناھلىقىنى ئىزدەپ يۈرىدۇ؛ لېكىن پەقەت ئۆز ئىرادىسىگە قارايدىغان كىشى خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنىڭ ۋە باشپاناھلىقىنىڭ كېرىكى يوق دەپ يۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ دۇنيادىكىلەردىن ھېچقانداق قارشىلىققا ياكى ئۆچمەنلىككە ئۇچرىمايدۇ، خالىغان يەرگە بېرىۋېرىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن كىشى تەبىئىي ھالدا بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارە قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ (7-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■7:7 يـۇھ. 3:19؛ 14:17؛ 15:18.
- f «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ــ كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن تېخى بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ياكى «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن» دېگەن سۆز تېپىلىدۇ. «تېخى» ياكى «ھازىرچە» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە بولسۇن، بولمىسۇن، بەرىبىر ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشتۇر؛ چۈنكى ئەيسا ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن ئاستىرتىن باردى (10-ئايەت). بەزىلەر «ھازىرچە» دېگەننى چۈشەندۈرۈش يولىدا كىرگۈزىدۇ.
■7:8 يـۇھ. 8:20.
■7:11 يـۇھ. 11:56.
■7:12 مات. 21:46؛ لۇقا 7:16؛ يـۇھ. 6:14؛ 9:16؛ 10:19.
- j «يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدىيلاردىن قورقۇپ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيلار» چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
■7:13 يـۇھ. 9:22؛ 12:42؛ 19:38.
- l «..كىرىپ» ــ گرېك تىلىدا «..چىقىپ».
- m «يەھۇدىيلار» ــ بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار.
■7:16 يـۇھ. 3:11؛ 8:28؛ 12:49؛ 14:10، 24.
- o «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟» ــ ياكى «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيسىلەر؟».
■7:19 مىس. 20:1؛ 24:3؛ مات. 12:14؛ مار. 3:6؛ يـۇھ. 5:18؛ 10:39؛ 11:53؛ روس. 7:53.
- q «سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟» ــ ياكى «سېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيدىغان كىم؟».
■7:20 يـۇھ. 8:48،52؛ 10:20.
- s «مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار» ــ بۇ «بىر كارامەت»، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدىنقى قېتىم يېرۇسالېمدا بولغاندا شابات كۈنىدە پالەچ ئادەمنى ساقايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (23-ئايەت ۋە 5-بابنى كۆرۈڭ). ئەيسانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گەرچە بۇ مۆجىزە بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تېخىچە بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. 22-24-ئايەتلەردە ئەيسا «شابات كۈنىدە ئادەمنى ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ»، دېگەن خىيالغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ئەسلىدە ئۇلارنى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى قەستەن شابات كۈنىدە ياراتقانىدى.
- t «ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان» ــ «خەتنە قىلىش»نى خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە (مۇسا پەيغەمبەردىن ئىلگىرى، ئەلۋەتتە) ئۆزىنىڭ ئىبراھىم ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان ئەھدىنىڭ سىمۋولى بولسۇن دەپ تاپشۇرغانىدى («يار.» 17-باب). «شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر» ــ ئەمر بولسا «بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك» («يار.» 13:17). شۇنىڭ بىلەن «سەككىزىنچى كۈن» شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ (ۋە شابات كۈنى «ئىشلەش»كە بولمايدۇ) بالىنى سۈننەت قىلىۋېرىش كېرەك. بولمىسا تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق بولىدۇ.
■7:22 لاۋ. 12:3؛ يار. 17:10.
■7:24 قان. 1:16،17؛ پەند. 24:23؛ ياق. 2:1.
- ~23~ «بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز» ــ ئۇلار ئۇنى گالىلىيەلىك دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلغان، ئەلۋەتتە. «لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.» ــ خالايىقنىڭ بۇ سۆزلىرى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى؛ بۇ كىشىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك يازمىلىرىنى تولۇق بىلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى پەقەت مەسىھنىڭ تۇيۇقسىز نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بېشارەتلەرلا ئىدى.
■7:27 مات. 13:55؛ مار. 6:3؛ لۇقا 4:22.
- ~25~ «سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەۋاتىسىلەر؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن كەلدىم، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر» ــ بۇ سۆز ئەيسانىڭ ئۇلارنىڭ «بۇ ئادەمنىڭ... قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز» دېگىنىگە رەددىيە قىلغان جاۋابى ئىدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانى تونۇغان بولسا ئەيسانىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى، لېكىن ئۇلار خۇدانى تونىمايتتى (ئايەتتىكى ئاخىرقى سۆزگە قاراڭ).
■7:28 يـۇھ. 5:43؛ 8:26، 42؛ رىم. 3:4.
■7:29 يـۇھ. 10:15.
- ~28~ «شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى...» ــ «ئۇلار» بەلكىم يەنىلا چوڭلارنى كۆرسىتىدۇ.
■7:30 مار. 11:18؛ لۇقا 19:47؛ 20:19؛ يـۇھ. 7:19؛ 8:20، 37.
■7:31 يـۇھ. 8:30.
- ~31~ «قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى» ــ ياكى «ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى». لېكىن بىزنىڭچە 30- ۋە 44-ئايەتلەر (لاۋىيلاردىن بولغان) مۇشۇ كىشىلەرنى ئايرىم كۆرسىتىدۇ.
■7:33 يـۇھ. 16:16.
■7:34 يـۇھ. 8:21؛ 13:33.
- ~34~ «ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟» ــ بۇ ئايەتتىكى «گرېكلەر» قانائاننىڭ (پەلەستىننىڭ) سىرتىدا تۇرغان بارلىق يات ئەللىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
- ~35~ «ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!» ــ ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى دەل خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى چۆلدىكى ۋاقتىدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن مۆجىزە ياراتقان خاتىرە كۈنىدە ئېيتقان.
■7:37 لاۋ. 23:36؛ يەش. 55:1؛ يـۇھ. 6:35؛ ۋەھ. 22:17.
- ~37~ «ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» ــ «مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغاندەك» ــ «يەش.» 11:58 ۋە «ئەز.» 1:47-12نى كۆرۈڭ. «زەب.» 15:78-16، «پەند.» 23:4، «يەش.» 3:44، 1:55، «ئەز.» 1:47-12، «يو.» 18:3، «زەك.» 1:13، 8:14مۇ بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ تۆكۈلۈشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
■7:38 يەش. 12:3.
■7:39 يەش. 44:3؛ يو. 2:27-29؛ روس. 2:17.
- ~40~ «كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «قان.» 15:18دە تېپىلىدۇ.
■7:40 مات. 21:46؛ لۇقا 7:16؛ يـۇھ. 6:14.
■7:41 يـۇھ. 1:47؛ 4:42.
■7:42 زەب. 132:11؛ مىك. 5:1؛ مات. 2:6.
■7:48 يەش. 33:18؛ يـۇھ. 12:42؛ 1كور. 1:20؛ 2:8.
- ~45~ «تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ!» ــ «چۈپرەندىلەر» ئاددىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ئاقساقاللار ۋە پەرىسىيلەر ئۇلارنى ئىنتايىن كەمسىتەتتى.
■7:50 يـۇھ. 3:2؛ 19:39.
■7:51 مىس. 23:1؛ لاۋ. 19:15؛ قان. 1:17؛ 17:8؛ 19:15.
- ~48~ «مۇقەددەس يازمىلارنى كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ!» ــ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدە گالىلىيەلىك بولغان يۇنۇس پەيغەمبەرنى قەستەن ئۇنتۇغانىدى. چۈنكى تەۋراتنىڭ «يۇنۇس پەيغەمبەر» دېگەن قىسمىدا، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نىجات پۇرسىتىنى يەتكۈزگەنىلىكى ئېنىق خاتىرىلىنىدۇ. ئۇلار يەنە «يەش.» 12:8دىكى بېشارەت، يەنى مەسىھنىڭ ئۆز خىزمىتىنى گالىلىيەدە باشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەتنى قەستەن ئۇنتۇغان ئوخشايدۇ.
- ~49~ «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى» ــ «ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى» دېگەنلىك بەلكىم نىكودىمنىڭ سوئالى ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا سانجىلغان بولسا كېرەك.
■7:2
-
لاۋ. 23:34.