يۇھاننا
(1) «قاندىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» (گرېك تىلىدا «قانلاردىن ئەمەس») ــ دېمەك، مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ئادەملەر: «مەن خۇدا ئالاھىدە تاللىغان خەلق بولغان يەھۇدىيلاردىن (ياكى «كاھىن ئائىلىسى» قاتارلىقلاردىن) بولغاچقا خۇدانىڭ پەرزەنتىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ («روس.» 26:17نى كۆرۈڭ).
(2) «ئەتلەردىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشىش-تىرمىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆپ ئادەملەر: «مەن خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ.
(3) «ئىنساننىڭ (گرېك تىلىدا «ئەركەك ئىنسان»نىڭ) خاھىشىدىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىنسان (مەيلى پەيغەمبەر، مەيلى كاھىن مەيلى جامائەتتىكى بىرەر ئەرباب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، باشقا بىر ئىنساننى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىم «ئۆز ئىرادىسى بىلەن» ئۆزىنى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ.
(4) «خۇدادىن تۆرىلىش»، يەنى «قايتا تۇغۇلۇش» توغرۇلۇق 3:1-22-ئايەتنى كۆرۈڭ.
يەھيا پەيغەمبەر يۈرگۈزگەن «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا بولغان ئىقرار-توۋىسىنى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش يولى ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 2:3-12نى كۆرۈڭ). ■قان. 18:18.
«خۇدانىڭ ئوغلى» بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «خۇدانىڭ تاللىغىنى» دېيىلىدۇ.
- a «مۇقەددەمدە» ــ باشقا بىر ئىپادىلىنىشى «ھەممىدىن بۇرۇن» («ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا») كالام (ئاللىقاچان) بار ئىدى». «كالام» ــ «سۆز»، شۇنداقلا «خۇدانىڭ سۆزى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر؛ كۆرسىتىدىغان مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى...» ــ مۇشۇ يەردىكى «بىلەن بىللە» دېگەن گرېك تىلىدا يەنە «ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە»، «(خۇداغا) قاراپ ئۇنى سۆيىدىغان» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىدۇ. «ھەم كالام خۇدا ئىدى» ــ بۇ مۇھىم بايان كالامنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ.
■1:1 پەند. 8:22؛ كول. 1:17؛ 1يۇھ. 1:1، 2.
■1:2 يـۇھ. 17:5.
- d «ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس» ــ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كالام ئۆزى ھېچ يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن خۇدا بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر. «يارىتىلغان» گرېك تىلىدا، مۇشۇ يەردە «بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» «ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك باشقا خىل ئىپادىلىنىشى: ــ «ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولدى ۋە بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭسىز بولمىدى».
■1:3 يار. 1:3؛ زەب. 33:6؛ ئەف. 3:9؛ كول. 1:16؛ ئىبر. 1:2.
- f «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى» ــ ياكى «شۇ ھاياتلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرى ئىدى».
■1:4 يـۇھ. 5:26؛ 8:12؛ 9:5؛ 12:46؛ 1يۇھ. 1:5؛ 2:8-11؛ 5:11.
- h «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس» ــ مۇشۇ سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھېچ چۈشەنگەن ئەمەس» ياكى «قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.
■1:5 يـۇھ. 3:19.
- j «بىر ئادەم خۇدادىن كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «بىر ئادەم خۇدادىن ئەۋەتىلدى». «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «يۇھاننا» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
■1:6 مال. 3:1؛ مات. 3:1؛ مار. 1:2، 4؛ لۇقا 3:3؛ 7:27؛ يـۇھ. 1:33.
- l «ھەقىقىي نۇر، يەنى پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتقۇچى نۇر، دۇنياغا كېلىۋاتقانىدى» ــ «كېلىۋاتقانىدى» دېگەننى قانداق يول بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە، بۇ بىر جەرياننى كۆرسىتىدۇ ــ يەنى بەلكىم ئاۋۋال مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پەيدا بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئاندىن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە بولغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىكە كىرىش جەريانى ئارقىلىق «كېلىۋاتاتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇ بولسا دۇنياغا كېلىدىغان ھەربىر ئىنساننى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇردۇر».
■1:9 يـۇھ. 8:12؛ 9:5؛ 12:46.
■1:10 ئىبر. 1:2؛ 11:3.
- o «ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى» ــ «ئۆزىنىڭكىلەر» دېگەنلىك ئالەم ۋە ئۇنىڭدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى مەسىھنىڭكىدۇر، چۈنكى خۇدا ئالەمنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئارقىلىق ياراتقانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانىدى. «ئۆز خەلقى» ــ ئىسرائىل خەلقى، يەنى يەھۇدىي خەلقى ــ گرېك تىلىدا «ئۆزىدىكىلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■1:12 يەش. 56:5؛ رىم. 8:15؛ گال. 3:26؛ 2پېت. 1:4؛ 1يۇھ. 3:1.
- q «ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ» ــ (1) «قاندىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» (گرېك تىلىدا «قانلاردىن ئەمەس») ــ دېمەك، مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغانلىقىدىن ئەمەس. مەسىلەن، بەزى ئادەملەر: «مەن خۇدا ئالاھىدە تاللىغان خەلق بولغان يەھۇدىيلاردىن (ياكى «كاھىن ئائىلىسى» قاتارلىقلاردىن) بولغاچقا خۇدانىڭ پەرزەنتىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ («روس.» 26:17نى كۆرۈڭ). (2) «ئەتلەردىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشىش-تىرمىشىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆپ ئادەملەر: «مەن خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولىمەن» دەپ خاتا ئويلايدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدىكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. (3) «ئىنساننىڭ (گرېك تىلىدا «ئەركەك ئىنسان»نىڭ) خاھىشىدىن ... تۆرەلگەن ئەمەس» ــ دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىنسان (مەيلى پەيغەمبەر، مەيلى كاھىن مەيلى جامائەتتىكى بىرەر ئەرباب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)، باشقا بىر ئىنساننى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىم «ئۆز ئىرادىسى بىلەن» ئۆزىنى خۇدانىڭ پەرزەنتى قىلالمايدۇ. (4) «خۇدادىن تۆرىلىش»، يەنى «قايتا تۇغۇلۇش» توغرۇلۇق 3:1-22-ئايەتنى كۆرۈڭ.
- r «كالام ئىنسان بولدى» ــ «ئىنسان» مۇشۇ يەردە «ئەت ئىگىسى» ياكى «تەن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى» ــ گرېك تىلىدا «كالام تەن (ئەت) بولدى ۋە ئارىمىزدا چېدىر تىكتى». «چېدىر» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بولۇشى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە خۇدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس چېدىر»ىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھازىر بولغىنىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■1:14 يەش. 7:14؛ مات. 1:16؛ 17:2؛ لۇقا 1:31؛ 2:7؛ كول. 1:19؛ 2:9؛ 2پېت. 1:17.
- t «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بولغانىد» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».
■1:15 مات. 3:11؛ مار. 1:7؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 1:26،30.
- v «ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقانلىرىدىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» ــ مەنىسى بەلكىم «ئۇنىڭدىكى تولۇپ تاشقان مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات ئالدۇق» دېگەنلىكتۇر. 17-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپات» دېگەن ئىبارە مۇسانىڭ «مىس.» 3:33دە ئېيتقان سۆزىدىن ئېلىنغان.
■1:16 كول. 2:10.
- x «مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى» ــ «مەسىھ» بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتىشىچە، خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى ۋە قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭلار.
■1:17 مىس. 20:1.
- z «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى ئۆزى بىردىنبىر خۇدا بولغۇچى ئۇنى ئايان قىلدى» دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋارىيانتنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ پەرقى يوق (1:1-4نى كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى»دا نېمىلا بولمىسۇن خۇدالىق تەبىئىتى باردۇر.
■1:18 مىس. 33:20؛ قان. 4:12؛ مات. 11:27؛ يـۇھ. 6:46؛ 1تىم. 6:16؛ 1يۇھ. 4:12.
- bb «يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلار» ــ بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «سەن كىمسەن؟» ــ بۇ سوئالنىڭ «سەن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ پەيغەمبەرمۇسەن ياكى خۇدا ئەۋەتىدىغان مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمۇسەن» دېگەندەك ئىچكى مەنىسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىشكە تەييار ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، «مات.» 25:21-25نى كۆرۈڭ. «كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار» ــ «كاھىنلار» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئىدى؛ «لاۋىيلار» («لاۋىي» قەبىلىسىدىن بولغانلار) كاھىنلارغا ياردەمچى رولدا ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■1:19 يـۇھ. 5:33.
- ~30~ «ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي... دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى» ــ «ھېچ ئىككىلەنمەي» گرېك تىلىدا «ئىنكار قىلماي» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■1:20 يـۇھ. 3:28؛ روس. 13:25.
- ~32~ «سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟» ــ بۇ سوئال مۇسا پەيغەمبەر ئالدىنئالا ئېيتقان، ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرغان پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ («قان.» 15:18-22). ئەمەلىيەتتە بولسا، مۇسانىڭ «شۇ پەيغەمبەر» توغرۇلۇق بېشارىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
- ~33~ «يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!» ــ يەشايا ئۆز كىتابىدىكى 3:40-ئايەتتە بايان قىلغان «پەرۋەردىگارنىڭ يولى» ياكى «رەبنىڭ يولى» بولسا، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يەھيانىڭ خىزمىتى رەب ئەيسا ئۈچۈن توۋا قىلىدىغان خەلقنى تەييارلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ھەتتا كەمتەرلىك بىلەن ئۆزى توغرۇلۇق «مەن پەيغەمبەر» دېمەيدۇ، «مەن ناھايىتى بىر ئاۋازمەن، خالاس» دەيدۇ.
■1:23 يەش. 40:3؛ مات. 3:3؛ مار. 1:3؛ لۇقا 3:4.
□1:24-25 «يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەنلەر پەرىسىيلەردىن ئىدى» ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا تىرىشىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر. «نېمە دەپ كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟» ــ يەھۇدىي خەلقى ئارىسىدىكى «راببىلار» (ئۇستازلار) خېلى بۇرۇن مۇنداق بىر ئادەت بېكىتكەنكى، ئەگەر بۇتپەرەس مىللەتلەر («يات ئەللەر»)دىن بولغانلار «تەۋرات-زەبۇر ئېتىقادى»نى قوبۇل قىلاي دېسە، ئاۋۋال خلتنە قىلىنىشى، ئاندىن نىرخىل «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن ھازىر «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغانلار بۇتپەرەس «يات ئەللەر» ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك! يەھيا پەيغەمبەر يۈرگۈزگەن «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش» كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا بولغان ئىقرار-توۋىسىنى، شۇنداقلا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش يولى ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 2:3-12نى كۆرۈڭ).
■1:24-25 قان. 18:18.
■1:26 مات. 3:11؛ مار. 1:7؛ لۇقا 3:16؛ روس. 1:5؛ 11:16؛ 19:4.
- ~38~ «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھىنى ئېلىپ تاشلايدىغان ...». «پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!» ــ تەۋراتتىكى قۇربانلىقلار مەسىھ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «قۇربانلىق قوزا»دۇر. بۇ توغرۇلۇق «يار.» 7:22-8، «مىس.» 1:12-3، «يەش.» 7:53 ۋە تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە بېشارەت بېرىلگەن.
■1:29 يەش. 53:5، 7؛ يـۇھ. 1:36.
- ~40~ «مەندىن كېيىن كەلگۈچى بىرسى بار، ئۇ مەندىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇ مەن دۇنيادا بولۇشتىن بۇرۇنلا بولغانىدى» ــ دېمىسەكمۇ، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان («لۇقا» 26:1-45نى كۆرۈڭ)؛ لېكىن مەسىھ «ئۇنىڭ بولغىنىدىن ئىلگىرى بولغان».
- ~41~ «مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.
■1:32 مات. 3:16؛ مار. 1:10؛ لۇقا 3:22.
- ~43~ مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ــ «يەھيانى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى» ــ خۇدادۇر. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ,...» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» ــ يەھيانىڭ مۇشۇ گۇۋاھلىقى مەسىھنى كۆرستىدۇ؛ چۈنكى مەسىھ مۇقەددەس روھىنى تۆكۈشى بىلەن نىجات ئېلىپ كېلىدىغان «يېڭى ئەھدە»نى تۈزگۈچىدۇر («يەر.» 31:31-34، «ئەز.» 25:36-27، «يەش.» 15:32-20 ۋە باشقىلار).
- ~44~ «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «خۇدانىڭ ئوغلى» بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «خۇدانىڭ تاللىغىنى» دېيىلىدۇ.
■1:36 يەش. 53:7؛ يـۇھ. 1:29؛ روس. 8:32
- ~46~ «ئونىنچى سائەت» ــ يۇھاننا بايانىدا «رىم ۋاقتى»نى ئىشلىتىدۇ (بۇنىڭغا ئىسپات بار). شۇڭا بۇ ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئون بولسا كېرەك.
- ~47~ ««مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ» ــ «خرىستوس» دەرۋەقە گرېك تىلىدا «مەسىھ قىلىنغان»، «ماي سۈرۈلگەن» دېگەن مەنىدە. كېيىن، دۇنياۋى ئېتىقادچى جامائەتنىڭ بەزلىرى ئەيسانى «ئەيسا مەسىھ»، باشقا بەزىلىرى (گرېك تىلىدىكى تەلەپپۇزغا ئەگىشىپ) «يەيسۇس خرىستوس» دەيدۇ. يەھۇدىي ئېتىقادىچلار: «يەشۇئا مېشىياھ» دەيدۇ.
- ~48~ «سەن يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون» ــ «يۇنۇس» گرېك تىلىدا «يوناھ». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. «كېيىن «كىفاس» دەپ ئاتىلىسەن» ــ «كىفاس» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «پېترۇس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ لېكىن «كىفاس» ئىبرانىي تىلىدا ھەر تۈرلۈك تاشنى بىلدۈرىدۇ، «پېتروس» گرېك تىلىدا ھەرخىل كىچىك تاشنى بىلدۈرىدۇ.
■1:42 مات. 16:18.
■1:44 يـۇھ. 12:21.
- ~51~ «فىلىپ ناتانىيەلنى تېپىپ،...» ــ «ناتانىيەل» ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردا «بارتولوماي» (تولماينىڭ ئوغلى) دەپ ئېلىنىدۇ.
■1:45 يار. 3:15؛ 22:18؛ 26:4؛ 49:10؛ قان. 18:18؛ 2سام. 7:12؛ يەش. 4:2؛ 7:14؛ 9:5؛ 40:10، 11؛ 53:1-12؛ يەر. 23:5؛ 33:14؛ ئەز. 34:23؛ دان. 9:24؛ زەك. 6:12؛ 9:9.
- ~53~ «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».
- ~54~ «ئىنسانئوغلى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردا (تەۋراتتا) «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇزقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە، بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن «خۇدانىڭ ئوغلى» بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر!» ــ مۇشۇ يەردە بىزنىڭچە مەسىھ «يار.» 12:28نى كۆزدە تۇتىدۇ. ھەزرىتى ياقۇپ ئالامەتلىك بىر چۈشنى كۆرگەن. چۈشتە ئۇ يەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئاسمانغا يېتىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆرگەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن «چىقىپ-چۈشۈپ تۇراتتى». دېمەك، ئەيسا مەسىھ ئۆزى دەل شۇ «ئاسمانغا يېتىدىغان پەلەمپەي»دۇر.
■1:51 يار. 28:12.