10
تولا ۋە يائىرنىڭ «ھاكىم» بولۇشى
1 ئابىمەلەكتىن كېيىن ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان دودونىڭ نەۋرىسى، پۇئاھنىڭ ئوغلى تولا دېگەن كىشى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا تۇردى؛ ئۇ ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىكى شامىر دېگەن جايدا تۇراتتى؛ 2 ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئۈچ يىل ھاكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شامىردا دەپنە قىلىندى.
3 ئۇنىڭدىن كېيىن گىلېئادلىق يائىر تۇردى؛ ئۇ ئىسرائىلغا يىگىرمە ئىككى يىل ھاكىم بولدى. 4 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇز تەخەيگە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇز شەھەرگە ئىگىدارچىلىق قىلاتتى؛ بۇ شەھەرلەر گىلېئاد يۇرتىدا بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە «يائىرنىڭ كەنتلىرى» دەپ ئاتالماقتا. □«يائىرنىڭ كەنتلىرى» ــ ياكى «ھاۋۋوت-يائىر». 5 يائىر ۋاپات بولۇپ، كاموندا دەپنە قىلىندى.
ئىسرائىلنىڭ يەنە گۇناھقا پېتىشى
6 لېكىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، بائال بىلەن ئاشىراھ بۇتلىرىغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ ئىلاھلىرى، زىدوندىكىلەرنىڭ ئىلاھلىرى، موئابنىڭ ئىلاھلىرى، ئاممونىيلارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە فىلىستىيلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە بولمىدى. □«سۇرىيە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئارام». ■ھاك. 2:11؛ 3:7؛ 4:1؛ 6:1 7 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. □«... ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئاممونىيلارنىڭ قولىغا سېتىپ بەردى». 8 بۇلار بولسا شۇ يىلى ئىسرائىللارنى قاتتىق بېسىپ ئەزدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە ئامورىيلارنىڭ زېمىنىدىكى گىلېئادتا ئولتۇرۇشلۇق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ئون سەككىز يىلغىچە زۇلۇم قىلدى. □«... ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە». 9 ئاممونىيلار يەنە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرائىم جەمەتىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى: شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل قاتتىق ئازابلاندى.
10 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ بىز ساڭا گۇناھ قىلدۇق، ئۆز خۇدايىمىزنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كەتتۇق، دېدى.
11 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: ــ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن، ئامورىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن ۋە فىلىستىيلەردىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 12 زىدونىيلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار كېلىپ سىلەرگە زۇلۇم قىلغىنىدا، ماڭا پەرياد قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئەمەسمىدىم؟ 13 شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنە مېنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردىڭلار. مەن سىلەرنى ئەمدى قۇتقۇزمايمەن! ■قان. 32:15؛ يەر. 2:13 14 ئەمدى بېرىپ ئۆزۈڭلار تاللىغان ئىلاھلارغا پەرياد قىلىڭلار، قىيىنچىلىققا قالغان چېغىڭلاردا شۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، ــ دېدى.
15 ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: ــ بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دېدى.
16 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل يات ئىلاھلارنى ئۆز ئارىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولدى.
غېرىپ ئادەمنىڭ سەردار بولۇشى ــ يەفتاھ
17 شۇ ۋاقىتتا ئاممونىيلار توپلىنىپ گىلېئادتا چېدىرگاھ تىكتى؛ ئىسرائىللارمۇ يىغىلىپ كېلىپ مىزپاھغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكتى. 18 گىلېئادتىكى خەلقنىڭ چوڭلىرى ئۆزئارا: ــ كىم ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا باشلامچى بولسا، ئۇ بارلىق گىلېئادتتىكىلەرگە باش بولىدۇ، دېدى.■ھاك. 11:6، 9، 10، 11
- باتۇر ھاكىملار
- a
-
«يائىرنىڭ كەنتلىرى» ــ ياكى «ھاۋۋوت-يائىر».
- b «سۇرىيە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئارام».
■10:6 ھاك. 2:11؛ 3:7؛ 4:1؛ 6:1
- d «... ئاممونىيلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئاممونىيلارنىڭ قولىغا سېتىپ بەردى».
- ~5~ «... ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە».
■10:13 قان. 32:15؛ يەر. 2:13
■10:18 ھاك. 11:6، 9، 10، 11
- b «سۇرىيە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئارام».