2
ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش
1 قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار.□«شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ» ــ «شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان» گرېك تىلىدا «ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۆزى بولغان» ياكى «(خۇدانىڭ) ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئۆزى بولغان». شان-شەرەپنىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بولساق، باي-نامراتلىق دېگەندەك پەرقلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولۇپ كېتىدۇ. ■لاۋ. 19:15؛ قان. 16:19؛ پەند. 24:23؛ مات. 22:16. 2 چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە،□«... سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە،...» ــ «تەبىرلەر»دىكى «سىناگوگ» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭلار. مۇشۇ يەردە ئېتىقادچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ مەخسۇس يىغىلىش ئىبادەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 3 سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار،□«سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، ...» ــ «ئاياغ تەرىپىمدە» گرېك تىلىدا «تەختىپەرىم تۈۋىدە» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 4 ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟!
5 قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟■مىس. 20:6؛ 1سام. 2:30؛ پەند. 8:17؛ مات. 5:3؛ يـۇھ. 7:48؛ 1كور. 1:26-29. 6 بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟ 7 ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟□«ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟» ــ «ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نام»: ــ ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد باغلىغان بولسا، خۇدا ئالدىدا مەسىھ ئەيسانىڭ نامى شۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولىدۇ. دېمەك، ئۇ مەسىھگە مەنسۇپ، خۇدا ئۇ كىشىنى «مېنىڭكى»، «مەسىھنىڭ ئادىمى» دەپ ئۆز نامىنى مۇشۇ كىشىنىڭ «ئۈستىگە قويۇش»تىن باش تارتمايدۇ. تەۋرات، «2تار.» 14:7، «ئام.» 12-11:9، «يەش.» 19:63، «يەر.» 9:14، 16:15، «دان.» 19:9، «روس.» 17:15نى كۆرۈڭ).
8 مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.□«مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار...» ــ «شاھانە قانۇن» دېگەن بۇ ئىنتايىن قىزىق ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ■لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ مار. 12:31؛ رىم. 13:9؛ گال. 5:14؛ ئەف. 5:2؛ 1تېس. 4:9. 9 لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر. □«لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئىش ئايانكى، يەھۇدىي قېرىنداشلار تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ شۇ بىلىمدىن تەكەببۇرلىشىپ كېتىش خەۋپى باردۇر. لېكىن روسۇل ياقۇپ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلاي دېسەڭ، ئەمدى ئىنسانغا بولغان مۇئامىلىمىگە قارىتىلغان ئەمرلەر ئىچىدە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمر ئەڭ قاتتىق تەلەپتۇر، «ئىككى خىل كۆز بىلەن قاراش» شۇ ئەمرىگە خىلاپ.
پەقەت «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قانۇن»نى، يەنى «يېڭى ئەھدە»نى (25:1، 12:2-ئايەتلەر) ئۆزىنىڭكى قىلغان كىشى شۇ ئەمرگە ئەمەل قىلالايدۇ؛ ئاشۇ قانۇندا (يېڭى ئەھدە، دېمەك) تەكەببۇرلىشىش دېگەن ئىش قەتئىي يوقتۇر. 10 چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. □«چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ» ــ بۇ بايان بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە ھەيران قالارلىق ئىش بولىدۇ. «گال.» 10:3دە مۇنداق دېيىلىدۇ ــ «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ»». چۈنكى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئادىل، مۇقەددەس تەلىپى ئىنسانلارنىڭ تولۇق پاك-مۇقەددەس بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىدا «٪100»تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، خۇدا بىزنى ئاۋۋال قۇتقۇزمىسا ئۇنى ھېچ خۇرسەن قىلالمايمىز. ■قان. 27:26؛ مات. 5:19؛ گال. 3:10. 11 چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر. □««زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن...» ــ ««زىنا قىلما» دېگۈچى» خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە. ■مىس. 20:14،13؛ قان. 5:17،18؛ مات. 5:27. 12 شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. □«شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن» ــ 25:1نى كۆرۈڭ. «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» ــ گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە. 13 چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.□«چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ــ ««رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ». تەۋرات دەۋرىدە «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دېگەن قانۇن ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ ئادىللىق، ئەلۋەتتە. بىراق تەۋراتتىكى ئادىل قانۇن بويىچە ھەممىمىز دوزاخقا چۈشىشىمىز كېرەك! ئەمدى ئىنجىل دەۋرى كەلدى، ئەيسا مەسىھ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى؛ خۇدا شۇنىڭ بىلەن بىزگە رەھىمدىللىق كۆرسىتىش يولىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن «رەھىمدىللىق» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ۋە بىز خۇداغا ئەگىشىپ باشقىلارغا رەھىم كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ■مات. 6:15؛ 18:35؛ مار. 11:25؛ لۇقا 16:25.
پەقەت «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قانۇن»نى، يەنى «يېڭى ئەھدە»نى (25:1، 12:2-ئايەتلەر) ئۆزىنىڭكى قىلغان كىشى شۇ ئەمرگە ئەمەل قىلالايدۇ؛ ئاشۇ قانۇندا (يېڭى ئەھدە، دېمەك) تەكەببۇرلىشىش دېگەن ئىش قەتئىي يوقتۇر. 10 چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. □«چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ» ــ بۇ بايان بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە ھەيران قالارلىق ئىش بولىدۇ. «گال.» 10:3دە مۇنداق دېيىلىدۇ ــ «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ»». چۈنكى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئادىل، مۇقەددەس تەلىپى ئىنسانلارنىڭ تولۇق پاك-مۇقەددەس بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىدا «٪100»تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، خۇدا بىزنى ئاۋۋال قۇتقۇزمىسا ئۇنى ھېچ خۇرسەن قىلالمايمىز. ■قان. 27:26؛ مات. 5:19؛ گال. 3:10. 11 چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر. □««زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن...» ــ ««زىنا قىلما» دېگۈچى» خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە. ■مىس. 20:14،13؛ قان. 5:17،18؛ مات. 5:27. 12 شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. □«شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن» ــ 25:1نى كۆرۈڭ. «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» ــ گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە. 13 چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.□«چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ــ ««رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ». تەۋرات دەۋرىدە «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دېگەن قانۇن ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ ئادىللىق، ئەلۋەتتە. بىراق تەۋراتتىكى ئادىل قانۇن بويىچە ھەممىمىز دوزاخقا چۈشىشىمىز كېرەك! ئەمدى ئىنجىل دەۋرى كەلدى، ئەيسا مەسىھ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى؛ خۇدا شۇنىڭ بىلەن بىزگە رەھىمدىللىق كۆرسىتىش يولىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن «رەھىمدىللىق» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ۋە بىز خۇداغا ئەگىشىپ باشقىلارغا رەھىم كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ■مات. 6:15؛ 18:35؛ مار. 11:25؛ لۇقا 16:25.
ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت
14 ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇناسىپ ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ بۇنداق ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ ■مات. 7:26؛ ياق. 1:23. 15-16 ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «خۇداغا ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ■لۇقا 3:11؛ 1يۇھ. 3:17. 17 شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئەمەللىرى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقاد ئۆلۈك ئېتىقادتۇر. 18 لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ تالىشىدۇ. لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!»، «مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللەر بىلەن كۆرسىتىمەن» دەيمەن. □«لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ تالىشىدۇ» ــ «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دېگۈچى بەلكىم «بەزىلەردە ئېتىقاد بار، بەزىلەردە ئەمەللەر بار. ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەندەك مەنىنى كۆتسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 18-ئايەتتىكى قالغان سۆزلەر ۋە 19-22-ئايەتلەر بەلكىم ياقۇپنىڭ بۇنىڭغا بولغان رەددىيە جاۋابى بولالايدۇ. «لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!» ... دەيمەن» ــ بۇ سۆز ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەمنىڭ ئەمەللىرى ياكى ھەرىكەتلىرى بولمىسا ئۇنىڭدا نېمە ئېتىقاد، نېمە پوزىتسىيە ياكى نېمە پىكىر بار بولغانلىقىنى بىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس! 19 ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ! □«ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!» ــ ياقۇپنىڭ بۇ گېپى ئىنتايىن كىنايىلىك گەپتۇر. ھەتتا جىن-شەيتانلارنىڭ «ئېتىقادى»دىن ئەمەل-ھەرىكەتلەر چىقىدۇ (ئۇلار دىر-دىر تىترەيدۇ!). جىن-شەيتانلار خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ «بىر بولغانلىقى»غا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدۇ (تايانمايدۇ)، ئەلۋەتتە. 20 ئەي، قۇرۇق خىيال ئادەم! ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ □«ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكى...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئېتىقاد ئىكەنلىكى...» دېيىلىدۇ. «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ » ــ «قاچانمۇ بىلەرسەن؟» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇنىڭغا ئىسپات خالامسەن؟». 21 ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق ھەققانىي دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ □«ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا...» ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم» ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەجدادى ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ■يار. 22:10. 22 ئەمدى شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇناسىپ ئەمەللەرنى قىلدى ۋە ئېتىقادى ئەمەللەر ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىندى. 23 مانا بۇ ئىش تەۋراتتىكى: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى. □«مانا بۇ ئىش تەۋراتتىكى: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى» ــ تەۋرات، «يار.» 6:15 ۋە «2تار.» 7:20، «يەش.» 2:51، «دان.» 35:3نى (LXX) ۋە «يەش.» 8:41نى كۆرۈڭ). ■يار. 15:6؛ رىم. 4:3؛ گال. 3:6. 24 بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ.□«بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ» ــ روسۇل پاۋلۇس «ئىنسانلار ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ» دەيدۇ (مەسىلەن، «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 24:3نى كۆرۈڭ). روسۇل ياقۇپنىڭ سۆزى پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ھېچ زىت ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئېتىقادىغا مۇناسىپ ئىش-ھەرىكىتى ياكى ئەمەللىرى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقاد ھەقىقىي ئېتىقاد ھېسابلانمايدۇ، بەلكى «ئۆلۈك ئېتىقاد» (17:2، 20، 26) ھېسابلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ.
25 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟ □«... پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟» ــ بۇ ۋەقە «يەشۇئا» 2-بابتا خاتىرىلەنگەن. «ئىبر.» 31:11نىمۇ كۆرۈڭ. ■يە. 2:1؛ 6:23؛ ئىبر. 11:31. 26 تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.
- ياقۇپ
- a
-
«شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ» ــ «شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان» گرېك تىلىدا «ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۆزى بولغان» ياكى «(خۇدانىڭ) ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئۆزى بولغان». شان-شەرەپنىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بولساق، باي-نامراتلىق دېگەندەك پەرقلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولۇپ كېتىدۇ.
- c «... سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە،...» ــ «تەبىرلەر»دىكى «سىناگوگ» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭلار. مۇشۇ يەردە ئېتىقادچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ مەخسۇس يىغىلىش ئىبادەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
- d «سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، ...» ــ «ئاياغ تەرىپىمدە» گرېك تىلىدا «تەختىپەرىم تۈۋىدە» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■2:5 مىس. 20:6؛ 1سام. 2:30؛ پەند. 8:17؛ مات. 5:3؛ يـۇھ. 7:48؛ 1كور. 1:26-29.
- f «ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟» ــ «ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نام»: ــ ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد باغلىغان بولسا، خۇدا ئالدىدا مەسىھ ئەيسانىڭ نامى شۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولىدۇ. دېمەك، ئۇ مەسىھگە مەنسۇپ، خۇدا ئۇ كىشىنى «مېنىڭكى»، «مەسىھنىڭ ئادىمى» دەپ ئۆز نامىنى مۇشۇ كىشىنىڭ «ئۈستىگە قويۇش»تىن باش تارتمايدۇ. تەۋرات، «2تار.» 14:7، «ئام.» 12-11:9، «يەش.» 19:63، «يەر.» 9:14، 16:15، «دان.» 19:9، «روس.» 17:15نى كۆرۈڭ).
- g «مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار...» ــ «شاھانە قانۇن» دېگەن بۇ ئىنتايىن قىزىق ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■2:8 لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ مار. 12:31؛ رىم. 13:9؛ گال. 5:14؛ ئەف. 5:2؛ 1تېس. 4:9.
- i «لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئىش ئايانكى، يەھۇدىي قېرىنداشلار تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ شۇ بىلىمدىن تەكەببۇرلىشىپ كېتىش خەۋپى باردۇر. لېكىن روسۇل ياقۇپ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلاي دېسەڭ، ئەمدى ئىنسانغا بولغان مۇئامىلىمىگە قارىتىلغان ئەمرلەر ئىچىدە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمر ئەڭ قاتتىق تەلەپتۇر، «ئىككى خىل كۆز بىلەن قاراش» شۇ ئەمرىگە خىلاپ. پەقەت «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قانۇن»نى، يەنى «يېڭى ئەھدە»نى (25:1، 12:2-ئايەتلەر) ئۆزىنىڭكى قىلغان كىشى شۇ ئەمرگە ئەمەل قىلالايدۇ؛ ئاشۇ قانۇندا (يېڭى ئەھدە، دېمەك) تەكەببۇرلىشىش دېگەن ئىش قەتئىي يوقتۇر.
- j «چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ» ــ بۇ بايان بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە ھەيران قالارلىق ئىش بولىدۇ. «گال.» 10:3دە مۇنداق دېيىلىدۇ ــ «لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ»». چۈنكى خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئادىل، مۇقەددەس تەلىپى ئىنسانلارنىڭ تولۇق پاك-مۇقەددەس بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىدا «٪100»تىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، خۇدا بىزنى ئاۋۋال قۇتقۇزمىسا ئۇنى ھېچ خۇرسەن قىلالمايمىز.
■2:10 قان. 27:26؛ مات. 5:19؛ گال. 3:10.
- l ««زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن...» ــ ««زىنا قىلما» دېگۈچى» خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە.
■2:11 مىس. 20:14،13؛ قان. 5:17،18؛ مات. 5:27.
- n «شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن» ــ 25:1نى كۆرۈڭ. «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» ــ گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.
- o «چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ــ ««رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ». تەۋرات دەۋرىدە «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دېگەن قانۇن ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ ئادىللىق، ئەلۋەتتە. بىراق تەۋراتتىكى ئادىل قانۇن بويىچە ھەممىمىز دوزاخقا چۈشىشىمىز كېرەك! ئەمدى ئىنجىل دەۋرى كەلدى، ئەيسا مەسىھ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى؛ خۇدا شۇنىڭ بىلەن بىزگە رەھىمدىللىق كۆرسىتىش يولىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن «رەھىمدىللىق» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ» ۋە بىز خۇداغا ئەگىشىپ باشقىلارغا رەھىم كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
■2:13 مات. 6:15؛ 18:35؛ مار. 11:25؛ لۇقا 16:25.
■2:14 مات. 7:26؛ ياق. 1:23.
■2:15-16 لۇقا 3:11؛ 1يۇھ. 3:17.
- ~19~ «لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ تالىشىدۇ» ــ «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دېگۈچى بەلكىم «بەزىلەردە ئېتىقاد بار، بەزىلەردە ئەمەللەر بار. ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەندەك مەنىنى كۆتسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 18-ئايەتتىكى قالغان سۆزلەر ۋە 19-22-ئايەتلەر بەلكىم ياقۇپنىڭ بۇنىڭغا بولغان رەددىيە جاۋابى بولالايدۇ. «لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!» ... دەيمەن» ــ بۇ سۆز ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەمنىڭ ئەمەللىرى ياكى ھەرىكەتلىرى بولمىسا ئۇنىڭدا نېمە ئېتىقاد، نېمە پوزىتسىيە ياكى نېمە پىكىر بار بولغانلىقىنى بىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!
- ~20~ «ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!» ــ ياقۇپنىڭ بۇ گېپى ئىنتايىن كىنايىلىك گەپتۇر. ھەتتا جىن-شەيتانلارنىڭ «ئېتىقادى»دىن ئەمەل-ھەرىكەتلەر چىقىدۇ (ئۇلار دىر-دىر تىترەيدۇ!). جىن-شەيتانلار خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ «بىر بولغانلىقى»غا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمايدۇ (تايانمايدۇ)، ئەلۋەتتە.
- ~21~ «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكى...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئېتىقاد ئىكەنلىكى...» دېيىلىدۇ. «ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ » ــ «قاچانمۇ بىلەرسەن؟» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بۇنىڭغا ئىسپات خالامسەن؟».
- ~22~ «ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا...» ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم» ــ يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەجدادى ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.
■2:21 يار. 22:10.
- ~24~ «مانا بۇ ئىش تەۋراتتىكى: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى» ــ تەۋرات، «يار.» 6:15 ۋە «2تار.» 7:20، «يەش.» 2:51، «دان.» 35:3نى (LXX) ۋە «يەش.» 8:41نى كۆرۈڭ).
■2:23 يار. 15:6؛ رىم. 4:3؛ گال. 3:6.
- ~26~ «بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ» ــ روسۇل پاۋلۇس «ئىنسانلار ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ» دەيدۇ (مەسىلەن، «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 24:3نى كۆرۈڭ). روسۇل ياقۇپنىڭ سۆزى پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ھېچ زىت ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئېتىقادىغا مۇناسىپ ئىش-ھەرىكىتى ياكى ئەمەللىرى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقاد ھەقىقىي ئېتىقاد ھېسابلانمايدۇ، بەلكى «ئۆلۈك ئېتىقاد» (17:2، 20، 26) ھېسابلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ.
- ~27~ «... پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟» ــ بۇ ۋەقە «يەشۇئا» 2-بابتا خاتىرىلەنگەن. «ئىبر.» 31:11نىمۇ كۆرۈڭ.
■2:25 يە. 2:1؛ 6:23؛ ئىبر. 11:31.
■2:1 لاۋ. 19:15؛ قان. 16:19؛ پەند. 24:23؛ مات. 22:16.