36
كرىزىس ــ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ بېسىپ كىرىشى
1 ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. □«راب-شاكەھ» ــ بەلكىم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ باش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئادەتتىكى ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن. ■2پاد. 18:13؛ 2تار. 32:1 2 ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» دېگەن سەردارنى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى.□«كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشى» ــ مۇشۇ جاي ئەسلىدە دەل يەشايا ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان جاي (7-بابنى كۆرۈڭ).
ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى - مىلادىيەدىن ئىلگىرى 650-يىلى
ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى - مىلادىيەدىن ئىلگىرى 650-يىلى
3 شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى 4-5 ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ
سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ
«سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟
سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ
«ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ □«سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟» ــ مۇشۇ گېپىگە قارىغاندا، ئاسۇرىيەدىكىلەرنىڭ يەشايانىڭ «پەقەت پەرۋەردىگارغا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن بېشارەتلىرىدىن خەۋىرى بار ئىدى. 6 مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ!■ئەز. 29:6، 7
7 ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟□«ھەزەكىيا ...: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىللار پەقەت يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھتىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. ئەسلىدە ھەزەكىيا مۇشۇ پەرمانغا ئاساسەن: (1) بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان قۇربانگاھلارنى ھەم (2) خاتا يول بىلەن «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» قۇرۇلغان، ئىبادەت قىلىشقا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى يوقاتقان. راب-شاكەھ شۇ گەپ بىلەن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ئىسرائىللارنى قايمۇقتۇرماقچى ئىدى، ئەلۋەتتە.
8 ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» □«ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» ــ بۇ كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەتتىكى چاغلاردا يەھۇدادا ئاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەمەس، ھەتتا ئاددىي ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. 9 سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى!
10 مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»»
11 ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ
«پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى.□«پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە» ــ ھازىركى سۇرىيەنىڭ كونا ئىسمى «ئارام» ئىدى. كونا زاماندا «سۇرىيە تىلى» «ئارامىي تىلى» دېيىلەتتى. ئاسۇرىيەمۇ ئارامىي تىلىنى ئىشلىتەتتى.
12 بىراق راب-شاكەھ: ــ
«خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى.□«... ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ شەھەر مۇھاسىرىگە چۈشۈپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا قالغاندا ئادەملەر دەرۋەقە مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن. ■2پاد. 18:27
13 ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى.
14 «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
15 ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!». 16 ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ 17 تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!□«مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!» ــ مۇشۇ گەپلەر چىرايلىق بولغىنى بىلەن مەنىسى ئېنىقكى: ــ «مېنىڭ ئەسىرلىرىم، قۇللىرىم بولىسىلەر!» دېگەنلىك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر ئالدامچى ئىدى.
18 ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ 19 خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! 20 مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»».
21 ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ
«ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار».
22 ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى.
- يەشايا
- a
-
«راب-شاكەھ» ــ بەلكىم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ باش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئادەتتىكى ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن.
- c «كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشى» ــ مۇشۇ جاي ئەسلىدە دەل يەشايا ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان جاي (7-بابنى كۆرۈڭ).
□36:4-5 «سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟» ــ مۇشۇ گېپىگە قارىغاندا، ئاسۇرىيەدىكىلەرنىڭ يەشايانىڭ «پەقەت پەرۋەردىگارغا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن بېشارەتلىرىدىن خەۋىرى بار ئىدى.
■36:6 ئەز. 29:6، 7
- f «ھەزەكىيا ...: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىللار پەقەت يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھتىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. ئەسلىدە ھەزەكىيا مۇشۇ پەرمانغا ئاساسەن: (1) بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان قۇربانگاھلارنى ھەم (2) خاتا يول بىلەن «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» قۇرۇلغان، ئىبادەت قىلىشقا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى يوقاتقان. راب-شاكەھ شۇ گەپ بىلەن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ئىسرائىللارنى قايمۇقتۇرماقچى ئىدى، ئەلۋەتتە.
- g «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» ــ بۇ كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەتتىكى چاغلاردا يەھۇدادا ئاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەمەس، ھەتتا ئاددىي ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.
- ~8~ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە» ــ ھازىركى سۇرىيەنىڭ كونا ئىسمى «ئارام» ئىدى. كونا زاماندا «سۇرىيە تىلى» «ئارامىي تىلى» دېيىلەتتى. ئاسۇرىيەمۇ ئارامىي تىلىنى ئىشلىتەتتى.
- ~9~ «... ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ شەھەر مۇھاسىرىگە چۈشۈپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا قالغاندا ئادەملەر دەرۋەقە مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن.
■36:12 2پاد. 18:27
- ~11~ «مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!» ــ مۇشۇ گەپلەر چىرايلىق بولغىنى بىلەن مەنىسى ئېنىقكى: ــ «مېنىڭ ئەسىرلىرىم، قۇللىرىم بولىسىلەر!» دېگەنلىك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر ئالدامچى ئىدى.
■36:1 2پاد. 18:13؛ 2تار. 32:1
- c «كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشى» ــ مۇشۇ جاي ئەسلىدە دەل يەشايا ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان جاي (7-بابنى كۆرۈڭ).