4
ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى
1 يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى رەقىبلەر سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سالماقچىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، 2 زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: ــ بىز سىلەر بىلەن بىللە سالايلى؛ چۈنكى بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنى ئىزلەپ، بىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن ئاسۇرىيە پادىشاھى ئېسار-ھاددوننىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، دېيىشتى. ■2پاد. 17:29-41 3 لېكىن زەرۇببابەل، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: ــ خۇدايىمىزغا ئۆي سېلىشتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقەڭلار يوق؛ بەلكى پارس پادىشاھى قورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سالىمىز، دېيىشتى.■ئەزرا 1:1، 2، 3
4 شۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالە يەھۇدالارنىڭ قولىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇردى. 5 ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى.□«پارس پادىشاھى دارىئۇس» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 522-486-يىللاردا پارس تەختىگە ئولتۇرغان.
رەقىبلەرنىڭ يەھۇدالار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى
6 ئاھاشۋېروش تەختكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇنىڭغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن بىر ئەرزنامە يازدى. □«ئاھاشۋېروش» ــ بەزى ئالىملار پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش»نى «كسەركسىس I» نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار)، دەپ قارايدۇ. بىراق ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» ياكى «كسەركسىس» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئىسىم ئەمەس، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. شۇڭا بىز «ئاھاشۋېروش» دەپ ئاتالغان پادىشاھنى كامبىسىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 529-521-يىللار)، دەپ قارايمىز. 7 شۇنىڭدەك ئارتاخشاشتا كۈنلىرىدە بىشلام، مىترىدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ قالغان شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتاغا ئارامىي تىلىدا بىر ئەرز خېتىنى يازدى؛ خەت ئارامىي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.□«ئارتاخشاشتا» ــ «ئارتاخشاشتا» بىلەن «ئارتاكسەركسىس» بىر ئادەمنىڭ نامى بولۇپ، تارىختا ئۇ «ئارتاكسەركسىس» دېگەن (گرېكچە) ئىسمى بىلەن تونۇلغان. بۇ پادىشاھ كامبىسىس ۋە دارىئۇس خىستاسپىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 522-486-يىللار) ئارىلىقىدا ئۆتكەن بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇ: (1) كامبىسىسنى ئۆلتۈرۈپ تەختىنى تارتىۋالغان «سمەردىس» دېگەن جادۇگەرنى (يەتتە ئاي تەختكە ئولتۇرغان) ياكى بولمىسا: (2) كامبىسىس ئىمپېراتور بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىزگە ھازىر نامەلۇم «ئارتاخشاشتا» (ئارتاكسەركسىس») ئىسىملىك باشقا بىرسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئىمپېراتور «ئارتاكسەركسىس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 486-425-يىللار) بولۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى شۇ كىشى 24-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دارىئۇس ئىمپېراتوردىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
8 ۋالىي رەھۇم بىلەن دىۋان بېگى شىمشاي پادىشاھ ئارتاخشاشتاغا يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى: ــ □«...يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى» ــ بۇ ئايەتتىن باشلاپ 18:6گىچە «ئەزرا»نىڭ تېكىستى ئارامىي تىلىدا يېزىلغان.
9 «مەزكۇر مەكتۇپنى يازغانلاردىن، ۋالىي رەھۇم، كاتىپ بېگى شىمشاي ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بولغان سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار، ئارقىۋىلىقلار، بابىللىقلار، شۇشانلىقلار، يەنى ئېلامىيلار □«...سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار...» ــ ياكى «دىنايلىقلار، ئافارساتقىلىقلار، تارپەللىكلەر، ئارفاسلىقلار،...». «شۇشانلىقلار، يەنى...» ــ ياكى «سۇسا (شەھىرى)دىكىلەر، يەنى...». 10 ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار سامارىيە شەھىرىگە ۋە ئەفرات دەرياسىنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاھالىمۇ بار □«ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار» ــ ئوسناپپار بولسا ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى «ئاشۇربانىپال»نىڭ ئارامىي تىلىدىكى نامى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 669-يىلى ئاتىسى ئېسارھاددوننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى؛ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 645-يىللىرى ئەتراپىدا ئۇ ئېلامنىڭ پايتەختى شۇشاننى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭدىكى پۇقرالاردىن بەزىلەرنى سامارىيەگە، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلدى. «ئەفرات دەرياسى» ــ مەشكۇر كىتابتا مۇشۇ يەردىن باشلاپ «دەريا» «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ؛ «مۇشۇ تەرىپى» ــ غەربىي تەرىپى، ئەلۋەتتە. 11 (مانا بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھقا يازغان خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى) ــ ئۆزلىرىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن پادىشاھ ئالىلىرى ئارتاخشاشتاغا سالام! 12 پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ. □«سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ» ــ مۇشۇ گەپ بىرىنچىدىن ئۆز-ئۆزىگە زىت كېلىدۇ. قانداقسىگە سېپىل ئۇللىرى تېخى «بىر-بىرىگە ئۇلانماي» تۇرۇپ سېپىل ياسىلىپ بولىدۇ؟ 12-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ئۆز بايانلىرىمۇ ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە رەددىيە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان. يەھۇدىي خەلقى پەقەت ئىبادەتخانا (قورەش پادىشاھنىڭ ئەسلىدىكى يارلىقى بويىچە) قۇرۇۋاتاتتى. سېپىلنىڭ ئۆزى بولسا، خارابىلىك ئەھۋالدا ئىدى. مەسىلەن «نەھ.» 3:1نى كۆرۈڭ. 13 ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ. 14 بىز ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشىمىزغا قەتئىي توغرا كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پادىشاھىمىزغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. □«بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا...» ــ ياكى «بۇنداق زىيان تارتىشىغا...». 15 شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تارىخنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ سىلى تارىخنامىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلارغىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاسىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، قەدىمدىن تارتىپ بۇ شەھەردىكىلەر ئاغدۇرمىچىلىق تېرىغانلىقىنى بىلگەيلا؛ دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغانىدى. 16 شۇڭا بىز ئالىيلىرىغا شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قۇرۇلسا، سېپىللىرى پۈتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا سىلىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى يەرلەرگە ھېچقانداق ئىگىدارچىلىقلىرى بولماي قالىدۇ».
پادىشاھنىڭ ئىش توختىتىلسۇن دەپ يارلىق چۈشۈرۈشى
17 پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى: ــ
«ۋالىي رەھۇم، دىۋان بېگى شىمشايغا ۋە سامارىيە ھەم دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەردە تۇرۇشلۇق ھەمراھلىرىڭلارغا سالام! □«دەرياسىنىڭ شۇ تەرىپى» ــ ئەرفات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپى. 18 سىلەرنىڭ بىزگە يازغان ئەرز خېتىڭلار مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى. □«ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ...» ــ ياكى «ئالدىمدا تەرجىمە قىلىنىپ ئوقۇپ....». 19 تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق-قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. 20 ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قۇدرەتلىك پادىشاھلار يېرۇسالېمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن، ئۇلار شۇلارغا بېقىنىپ باج، ئولپان ۋە پارىقىنى تاپشۇرۇپ كەلگەنىكەن. 21 ئەمدى سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ خەلقنى ئىشتىن توختىتىڭلار، مەندىن باشقا يارلىق چۈشۈرۈلمىگۈچە، بۇ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇڭلار. 22 بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟».
23 پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يارلىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى رەھۇمغا، دىۋان بېگى شىمشاي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى بىلەنلا، ئۇلار ئالمان-تالمان يېرۇسالېمدىكى يەھۇدالارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. 24 شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى.
- ئەزرا
- c «پارس پادىشاھى دارىئۇس» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 522-486-يىللاردا پارس تەختىگە ئولتۇرغان.
- d «ئاھاشۋېروش» ــ بەزى ئالىملار پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش»نى «كسەركسىس I» نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار)، دەپ قارايدۇ. بىراق ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» ياكى «كسەركسىس» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئىسىم ئەمەس، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. شۇڭا بىز «ئاھاشۋېروش» دەپ ئاتالغان پادىشاھنى كامبىسىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 529-521-يىللار)، دەپ قارايمىز.
- e «ئارتاخشاشتا» ــ «ئارتاخشاشتا» بىلەن «ئارتاكسەركسىس» بىر ئادەمنىڭ نامى بولۇپ، تارىختا ئۇ «ئارتاكسەركسىس» دېگەن (گرېكچە) ئىسمى بىلەن تونۇلغان. بۇ پادىشاھ كامبىسىس ۋە دارىئۇس خىستاسپىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 522-486-يىللار) ئارىلىقىدا ئۆتكەن بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇ: (1) كامبىسىسنى ئۆلتۈرۈپ تەختىنى تارتىۋالغان «سمەردىس» دېگەن جادۇگەرنى (يەتتە ئاي تەختكە ئولتۇرغان) ياكى بولمىسا: (2) كامبىسىس ئىمپېراتور بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىزگە ھازىر نامەلۇم «ئارتاخشاشتا» (ئارتاكسەركسىس») ئىسىملىك باشقا بىرسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئىمپېراتور «ئارتاكسەركسىس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 486-425-يىللار) بولۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى شۇ كىشى 24-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دارىئۇس ئىمپېراتوردىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
- f «...يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى» ــ بۇ ئايەتتىن باشلاپ 18:6گىچە «ئەزرا»نىڭ تېكىستى ئارامىي تىلىدا يېزىلغان.
- g «...سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار...» ــ ياكى «دىنايلىقلار، ئافارساتقىلىقلار، تارپەللىكلەر، ئارفاسلىقلار،...». «شۇشانلىقلار، يەنى...» ــ ياكى «سۇسا (شەھىرى)دىكىلەر، يەنى...».
- h «ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار» ــ ئوسناپپار بولسا ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى «ئاشۇربانىپال»نىڭ ئارامىي تىلىدىكى نامى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 669-يىلى ئاتىسى ئېسارھاددوننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى؛ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 645-يىللىرى ئەتراپىدا ئۇ ئېلامنىڭ پايتەختى شۇشاننى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭدىكى پۇقرالاردىن بەزىلەرنى سامارىيەگە، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلدى. «ئەفرات دەرياسى» ــ مەشكۇر كىتابتا مۇشۇ يەردىن باشلاپ «دەريا» «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ؛ «مۇشۇ تەرىپى» ــ غەربىي تەرىپى، ئەلۋەتتە.
- i «سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ» ــ مۇشۇ گەپ بىرىنچىدىن ئۆز-ئۆزىگە زىت كېلىدۇ. قانداقسىگە سېپىل ئۇللىرى تېخى «بىر-بىرىگە ئۇلانماي» تۇرۇپ سېپىل ياسىلىپ بولىدۇ؟ 12-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ئۆز بايانلىرىمۇ ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە رەددىيە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان. يەھۇدىي خەلقى پەقەت ئىبادەتخانا (قورەش پادىشاھنىڭ ئەسلىدىكى يارلىقى بويىچە) قۇرۇۋاتاتتى. سېپىلنىڭ ئۆزى بولسا، خارابىلىك ئەھۋالدا ئىدى. مەسىلەن «نەھ.» 3:1نى كۆرۈڭ.
- j «بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا...» ــ ياكى «بۇنداق زىيان تارتىشىغا...».
- ~11~ «دەرياسىنىڭ شۇ تەرىپى» ــ ئەرفات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپى.
- ~12~ «ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ...» ــ ياكى «ئالدىمدا تەرجىمە قىلىنىپ ئوقۇپ....».
■4:2
-
2پاد. 17:29-41
■4:3 ئەزرا 1:1، 2، 3