10
داۋۇت ۋە ئاممونىيلار
1تار. 19:1-19
1 كېيىن شۇنداق ئىش بولدىكى، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ ھانۇن دېگەن ئوغلى ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
2 داۋۇت بولسا: ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك مەن ناھاشنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ھانۇننىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ماڭدۇردى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە، 3 ئاممونىيلارنىڭ ئەمەلدارلىرى غوجىسى ھانۇنغا: سىلى داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قاشلىرىغا كۆڭۈل سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قاشلىرىغا ئەۋەتكىنى شەھەرنى پايلاپ ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىش، ئاندىن بۇ شەھەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
4 شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈپ، كۆتىنى ئېچىپ كەتكۈزۈۋەتتى. 5 بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ماڭدۇردى؛ چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلغانىدى. پادىشاھ ئۇلارغا: ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
6 ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى. 7 داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، يوئابنىڭ پۈتكۈل جەڭگىۋار قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ماڭدۇردى. 8 ئاممونىيلار چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزىدى؛ زوباھ بىلەن رەھوبدىكى سۇرىيلەر ۋە توب بىلەن مائاكاھنىڭ ئادەملىرى دالادا سەپ تۈزىدى؛ □«شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ــ «شەھەر» بەلكىم ئۇلارنىڭ پايتەختى رابباھنى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەتنى كۆرۈڭ). 9 يوئاب جەڭنىڭ ئالدى ھەم كەينىدىن بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى ئىلغاپ، سۇرىيەلەرگە قارشى سەپ تۈزىدى؛ 10 قالغانلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپ تىزغىن دەپ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قولىغا تاپشۇرپ، ئۇنىڭغا:
11 ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. 12 جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى.
13 ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى. 14 ئاممونىيلار سۇرىيلەرنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. يوئاب بولسا ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىن چېكىنىپ، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى.
15 سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇشتى. 16 ھادادئېزەر ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرى تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى؛ ئۇلار خېلام شەھىرىگە كەلگەندە، ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباك ئۇلارغا باشچىلىق قىلدى.
17 بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلام شەھىرىگە باردى. سۇرىيلەر داۋۇتقا قارشى سەپ تىزىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 18 سۇرىيلەر يەنە ئىسرائىلدىن قاچتى. داۋۇت بولسا يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىلىقنى، قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى قىردى ھەم قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى. □«قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەر» ــ ياكى «قىرىق مىڭ پىيادە ئەسكەرنى» ــ «1تار.» 18:19نى كۆرۈڭ. شۇ يەردە «يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىسى» دېيىلىدۇ. پەرقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم: (1) قولىمىزدىكى كۆچۈرمىلەردە كۆچۈرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى بولۇشى مۇمكىن؛ (2) ئىككى ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سانلارنى ھېسابلاش نۇقتىسى ئوخشىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن.
19 ھادادئېزەرگە بېقىنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، ئىسرائىل بىلەن سۈلھ قىلىشىپ ئۇلارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئاممونىيلارغا يەنە ياردەم بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
- سامۇئىل «2»
- a
-
«شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ــ «شەھەر» بەلكىم ئۇلارنىڭ پايتەختى رابباھنى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەتنى كۆرۈڭ).
- b «قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەر» ــ ياكى «قىرىق مىڭ پىيادە ئەسكەرنى» ــ «1تار.» 18:19نى كۆرۈڭ. شۇ يەردە «يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىسى» دېيىلىدۇ. پەرقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم: (1) قولىمىزدىكى كۆچۈرمىلەردە كۆچۈرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى بولۇشى مۇمكىن؛ (2) ئىككى ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سانلارنى ھېسابلاش نۇقتىسى ئوخشىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن.
- b «قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەر» ــ ياكى «قىرىق مىڭ پىيادە ئەسكەرنى» ــ «1تار.» 18:19نى كۆرۈڭ. شۇ يەردە «يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىسى» دېيىلىدۇ. پەرقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم: (1) قولىمىزدىكى كۆچۈرمىلەردە كۆچۈرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكى بولۇشى مۇمكىن؛ (2) ئىككى ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سانلارنى ھېسابلاش نۇقتىسى ئوخشىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن.