36
يەھوئاھاز سەلتەنەت قىلىدۇ
2پاد. 23:31-35
1 يەھۇدا زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2 يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى. 3 مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. □«بىر يۈز تالانت كۈمۈش» ــ 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 3400 كىلوگرام، بىر تالانت ئالتۇن 34 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن. 4 ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.
يەھوئاكىم سەلتەنەت قىلىدۇ
2پاد. 23:36-37؛ 24:1-7
5 يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. 6 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 7 نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى. 8 يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
يەھوئاكىن سەلتەنەت قىلىدۇ
2پاد. 24:8-17
9 يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. □«ئون سەككىز ياشتا» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەككىز ياشتا» دېيىلىدۇ. 10 يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.□«يەھوئاكىننىڭ تاغىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھوئاكىننىڭ قېرىندىشى».
زەدەكىيا سەلتەنەت قىلىدۇ
2پاد. 24:18-20؛ 25:1-12؛ يەر. 52:1-30
11 زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ 12 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛ 13 ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا بېقىنىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى. 14 ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى.
15 ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. □«پەرۋەردىگار .... تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ... ئەۋەتىپ...» ــ خۇدانىڭ ئۇلارنى بالدۇر ۋە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 16 بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.□«قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «داۋالىغۇسىز دەرىجىدە».
بابىللار يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىدۇ
17 پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ خۇدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كالدىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 18 كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 19 كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى. 20 قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى كالدىيە پادىشاھى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى. 21 بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالدىن ئېيتقان ئاگاھ سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى.□«پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى..» ــ كۆرسىتىلگەن بۇ سۆز «يەر.» 11:25، 10:29 قاتارلىق ئايەتلەردە تېپىلىدۇ. «زېمىن «شابات تۇتۇپ» دەم ئالدى» ــ ئىنتايىن ھەجۋىي گەپتۇر. ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنى بويىچە («لاۋ.» 4:25) زېمىن ھەر يەتتىنچى يىلىدا بىر يىل («شابات يىلى»دا) دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى ــ دېمەك، ئۇنىڭدا ھېچ تېرىقچىلىق قىلىشقا بولمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئىسرائىللار زېمىننى ئىگىلىگەندىن تارتىپ يەرەمىيا پەغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە بولغان 490 يىلدا زېمىن ھېچ «دەم ئالغان» ئەمەس ئىدى. شۇڭا زېمىننىڭ خەلقتىن ئالىدىغان 70 يىللىق ئاراملىق قەرزى بار ئىدى؛ خەلق بابىلدا 70 يىل سۈرگۈن بولغاندا زېمىن ئۇلاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەزىللىكىدىن «دەم ئالدى».
بۇ تېمىدا يەنە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ■ئەزرا 1:1-3؛ يەر. 25:12؛ 29:10؛ دان. 9:2
بۇ تېمىدا يەنە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ■ئەزرا 1:1-3؛ يەر. 25:12؛ 29:10؛ دان. 9:2
ئەزرا 1:1-3؛ يەر. 25:12؛ 29:10؛ دان. 9:2 22 پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ 23 «پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ شۇ يەرگە چىقسۇن!» دېدى.
<- تارىخ-تەزكىرە «2» 35
تارىخ-تەزكىرە «2»
a
-
«بىر يۈز تالانت كۈمۈش» ــ 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 3400 كىلوگرام، بىر تالانت ئالتۇن 34 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن.
- b «ئون سەككىز ياشتا» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «سەككىز ياشتا» دېيىلىدۇ.
- c «يەھوئاكىننىڭ تاغىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھوئاكىننىڭ قېرىندىشى».
- d «پەرۋەردىگار .... تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ... ئەۋەتىپ...» ــ خۇدانىڭ ئۇلارنى بالدۇر ۋە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- e «قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «داۋالىغۇسىز دەرىجىدە».
- f «پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى..» ــ كۆرسىتىلگەن بۇ سۆز «يەر.» 11:25، 10:29 قاتارلىق ئايەتلەردە تېپىلىدۇ. «زېمىن «شابات تۇتۇپ» دەم ئالدى» ــ ئىنتايىن ھەجۋىي گەپتۇر. ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنى بويىچە («لاۋ.» 4:25) زېمىن ھەر يەتتىنچى يىلىدا بىر يىل («شابات يىلى»دا) دەم ئېلىشى كېرەك ئىدى ــ دېمەك، ئۇنىڭدا ھېچ تېرىقچىلىق قىلىشقا بولمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئىسرائىللار زېمىننى ئىگىلىگەندىن تارتىپ يەرەمىيا پەغەمبەرنىڭ دەۋرىگىچە بولغان 490 يىلدا زېمىن ھېچ «دەم ئالغان» ئەمەس ئىدى. شۇڭا زېمىننىڭ خەلقتىن ئالىدىغان 70 يىللىق ئاراملىق قەرزى بار ئىدى؛ خەلق بابىلدا 70 يىل سۈرگۈن بولغاندا زېمىن ئۇلاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەزىللىكىدىن «دەم ئالدى». بۇ تېمىدا يەنە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■36:21 ئەزرا 1:1-3؛ يەر. 25:12؛ 29:10؛ دان. 9:2