Link to home pageLanguagesLink to all Bible versions on this site
10
سامۇئىل سائۇلنى مەسىھ قىلىدۇ
1 سامۇئىل بىر ماي كومزىكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟«مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە سامۇئىلنىڭ سۆزلىرى: «پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمران قىلدى. سەن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈستىگە سەلتەنەت قىلىسەن ۋە ئۇلارنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىسەن. مانا، شۇ ئىش پەرەۋردىگار سېنى ئۆز مىراسىغا باش بولغىلى مەسىھ قىلغان ئەمەسمۇ؟» بۇنىڭغا قوشۇپ دېيىلىدۇ.  روس. 13‏:21.
2 سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ. 3 سەن ئۇ يەردىن مېڭىپ، تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيت-ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە ئۇچرايسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شارابنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.
4 ــ ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ ئىككى ناننى سۇنىدۇ؛ سەن بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالغىن. ھاك. 18‏:15. 5 ئاندىن سەن «خۇداغا ئاتالغان گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن (ئۇ يەردە فىلىستىيلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار)؛ سەن شۇ شەھەرگە كەلسەڭ چىلتار، تەمبۇر، نەي ۋە لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ساڭا ئۇچرايدۇ. ئۇلار بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. «خۇداغا ئاتالغان گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «خۇدانىڭ دۆڭىگە بارىسەن». ئىبرانىي تىلىدا: «خۇدانىڭ گىبېئاھى» (گىبېئاھ بىر شەھەر، مەنىسى «دۆڭ»، «ئېدىر»). «لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر» ــ ياكى «لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشىدىغان بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر».  1تار. 16‏:39؛ چۆل. 11‏:25 6 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىسەن ۋە يېڭى بىر ئادەم بولىسەن. 7 مۇشۇ ئالامەتلەر ساڭا كەلگەندە، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلغىن. چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر. 8 ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن».1سام. 13‏:8.
9 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇرۇلۇپ سامۇئىلدىن ئايرىلغاندا خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى؛ ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۈنى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.
10 ئۇلار گىبېئاھغا يېتىپ كەلگەندە مانا، بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى. 1سام. 19‏:19. 11 ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى. 12 ئەمما يەرلىك بىر ئادەم: ــ بۇلارنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى.«بۇلارنىڭ ، يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟» ــ مۇشۇ سوئال بەلكىم پەيغەمبەر بولۇش ئۈچۈن ئالىيجاناب ياكى ئېسىلزادە ئائىلىسىدە تۇغۇلۇش شەرت ئەمەس، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» ــ مۇشۇ گەپ بەلكىم (1) مەلۇم بىرسىنىڭ ئۇلۇغ بىر ئىش قىلالايدىغانلىقىغا بولغان گۇماننى بىلدۈرىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ ئەكسىچە، سائۇل ئەسلى «ئۇلۇغ ئەرباب» بولمىسىمۇ، ئاددىي ئادەم نېمىشقا ئۇلۇغ ئىشنى قىلالمايدىكەن، دېگەن پىكىرنى بىلدۈرىدۇ. 12-ئايەتتىكى «يەرلىك ئادەم»نىڭ سوئالىغا قارىغاندا، بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز.  گال. 1‏:24؛ 1سام. 19‏:25
13 ئەمدى سائۇل بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، يۇقىرى جايغا چىقىپ كەتتى. 14 سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقتۇق؛ لېكىن ئۇلارنى تاپالماي سامۇئىلنىڭ قېشىغا باردۇق، دېدى.
15 سائۇلنىڭ تاغىسى: ــ سامۇئىلنىڭ سىلەرگە نېمە دېگىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، دېدى.
16 سائۇل تاغىسىغا: ــ ئۇ جەزم بىلەن بىزگە ئېشەكلەر تېپىلدى، دەپ خەۋەر بەردى، دېدى. لېكىن سامۇئىلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرمىدى.
 
سامۇئىل خەلقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
17 سامۇئىل ئەمدى خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا جەم بولۇڭلار دەپ، مىزپاھقا چاقىردى. 18 ئۇ ئىسرائىلغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سىلەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. 19 لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى.1سام. 8‏:7؛ 1سام. 8‏:19؛ 12‏:12.
20 شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا جەم قىلىپ، چەك تاشلىۋىدى، چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. يە. 7‏:14 21 ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنى جەمەت-جەمەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىۋىدى، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن يەنە چەك تاشلىۋىدى، كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. ئۇلار ئۇنى ئىزدىۋىدى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى.
22 شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى. 23 شۇڭا ئۇلار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندا خالايىقنىڭ بويى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمىدى.1سام. 9‏:2
24 سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى.
25 سامۇئىل خەلققە پادىشاھلىق ھوقۇق-قانۇنلىرىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنى ئورام يازما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئىل ھەممە خەلقنى، ھەرقايسىسىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى. 26 سائۇلمۇ ھەم گىبېئاھدىكى ئۆيىگە قايتتى؛ كۆڭۈللىرى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم باتۇر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. 1سام. 13‏:2. 27 لېكىن بىرنەچچە رەزىل كىشى: ــ بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن؟ ــ دەپ ئۇنى كەمسىتىپ ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى؛ ئەمما ئۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى.«بىرنەچچە رەزىل كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (شەيتاننىڭ) بىرنەچچە بالىلىرى».  1سام. 11‏:12؛ 2تار. 17‏:5.