پېترۇس «1»
«تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» بىزنىڭچە: (1) ئېتىقادچىلار بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەن مۇساپىر سالاھىيىتىدە ياشايدۇ. ئۇلار يۇرتىمىز مۇشۇ يەردە ئەمەس، جەننەتتە بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ؛ (2) ئېتىقادچىلار يەر يۈزىدىكى يۇرتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆپ سانلىقنىتەشكىل قىلمايدۇ، بەلكى تارقاق «كىچىك بىر پادا»دەك ياشاۋاتىدۇ، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. ■ياق. 1:1. 2 سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!□«سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر» ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى»: ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى «تەۋرات دەۋرى»دىكى قۇربانلىقلارنىڭ قېنىدەك، ئادەمنىڭ بەدىنى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدان-قەلبىگە سېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھلىرىدىن پاك بولىدۇ («يەش.» 15:52 ۋە ئىزاھاتىنى، «ئىبر.» 13:9، 24:12نى كۆرۈڭ). ■رىم. 1:7؛ 1كور. 1:3؛ گال. 1:3؛ ئەف. 1:2؛ 2پېت. 1:2؛ يەھ. 2.
«ئېتىقادىڭلار... مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ» ــ مۇئەللىپ مۇشۇ يەردە بۇ «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت» كىمگە بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭچە ئېتىقادىمىز سىنىلىشى ئارقىلىق «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت»نى ھەم رەب ئۆزىگە ھەم بىزلەرگىمۇ كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئېتىقادىمىز سىناقتىن ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خۇدانىڭ شاپائىتى ھەم كۈچ-قۇدرىتىدىنلا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنىڭ شاپائىتى ھەم قۇدرىتى روشەن بولىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىسپات بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). ■يەش. 48:10؛ 1كور. 3:13؛ ياق. 1:3؛ 1پېت. 4:12.
- a «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام» ــ «تارقاق مۇساپىرلار» توغرۇلۇق «ياقۇپ»تىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تارقاق مۇساپىرلار» ــ ئاسۇرىيەنىڭ ۋە كېيىنكى بابىل ئىمپېرىيەسىدىن باشلاپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنىدى. پەلەستىنگە قايتىپ كەلمەي، چەت يەرلەردە قالغان يەھۇدىيلار «تارقاق مۇساپىرلار» (گرېك تىلىدا «دىئاسپورا») دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن مۇشۇ يەردە «تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا خەتتە تىلغا ئېلىنغان جايلاردا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز (10:2نى كۆرۈڭ). «تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەر» بىزنىڭچە: (1) ئېتىقادچىلار بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەن مۇساپىر سالاھىيىتىدە ياشايدۇ. ئۇلار يۇرتىمىز مۇشۇ يەردە ئەمەس، جەننەتتە بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ؛ (2) ئېتىقادچىلار يەر يۈزىدىكى يۇرتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆپ سانلىقنىتەشكىل قىلمايدۇ، بەلكى تارقاق «كىچىك بىر پادا»دەك ياشاۋاتىدۇ، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■1:1 ياق. 1:1.
- c «سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر» ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى»: ــ دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى «تەۋرات دەۋرى»دىكى قۇربانلىقلارنىڭ قېنىدەك، ئادەمنىڭ بەدىنى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدان-قەلبىگە سېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھلىرىدىن پاك بولىدۇ («يەش.» 15:52 ۋە ئىزاھاتىنى، «ئىبر.» 13:9، 24:12نى كۆرۈڭ).
■1:2 رىم. 1:7؛ 1كور. 1:3؛ گال. 1:3؛ ئەف. 1:2؛ 2پېت. 1:2؛ يەھ. 2.
■1:3 رىم. 6:23؛ 1كور. 15:20؛ 2كور. 1:3؛ ئەف. 1:3؛ ياق. 1:18.
■1:4 كول. 1:5؛ 2تىم. 1:12.
■1:6 رىم. 5:3؛ ئىبر. 10:37؛ 1پېت. 5:10؛ ياق. 1:2.
- h «ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئالتۇننىڭ ساپلىقى ياكى ھەقىقىي ئىكەنلىكى ئوت بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. خۇدا ئېتىقادىمىزنىڭ ھەقىقىي ياكى ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە، لېكىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ھەمدە بىزنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بىزنى ھەرخىل سىناقلارغا ئۇچرىتىدۇ. مۇئەللىپ مۇشۇ سىناقلار توغرۇلۇق ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن گۇمان قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە 8-ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنچىنى بىلدۈرۈپ، دەرۋەقە ھەقىقىي، ساپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. «ئېتىقادىڭلار... مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ» ــ مۇئەللىپ مۇشۇ يەردە بۇ «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت» كىمگە بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭچە ئېتىقادىمىز سىنىلىشى ئارقىلىق «مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت»نى ھەم رەب ئۆزىگە ھەم بىزلەرگىمۇ كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئېتىقادىمىز سىناقتىن ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خۇدانىڭ شاپائىتى ھەم كۈچ-قۇدرىتىدىنلا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنىڭ شاپائىتى ھەم قۇدرىتى روشەن بولىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىسپات بولىدۇ (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■1:7 يەش. 48:10؛ 1كور. 3:13؛ ياق. 1:3؛ 1پېت. 4:12.
■1:8 يـۇھ. 20:29.
- k «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر» ــ مۇشۇ ئايەتتىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇكى، نىجاتنىڭ ھازىر نەتىجىسى ھەم مېۋىسى بار ھەمدە كەلگۈسىدە (5-ئايەتتە) مەسىھ قايتا كەلگەندە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ (نىجاتنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخت-بەرىكەتلىرى بولسا گۇناھنىڭ ھەرقانداق تەسىرىدىن ئازاد بولۇش، يېڭى تەندە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مۇشۇ يەردە «جېنىڭلارنىڭ نىجاتى» بەلكىم ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ، دېمەك، ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر، ھېسسىياتلىرى ۋە مىجەزىنىڭ گۇناھنىڭ تەسىرىدىن ئازاد بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
■1:10 يار. 49:10؛ دان. 2:44؛ ھاگ. 2:8؛ زەك. 6:12.
- ~13~ «ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن» ــ «قانداق يول بىلەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «كىمنىڭ ۋۇجۇدىدا». بۇ ئايەتتىن شۇ روشەنكى، مەسىھ تېخى دۇنياغا كەلمىگىنى بىلەن، تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىشى ئۇنىڭ روھى ئارقىلىق بولغان؛ مەسىھنىڭ روھى ئۇلاردا تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ كىملىكى ياكى تولۇق سالاھىيىتى توغرۇلۇق خەۋىرى مۈجمەل ياكى يوق دېيەرلىك ئىدى.
■1:11 زەب. 22:6؛ يەش. 53:3؛ دان. 9:24.
- ~15~ «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان» ــ «بۇ ئىشلار» دېگەنلىك پەيغەمبەرلەر ئالدىنئالا ئېيتقان مەسىھنىڭ ئۆلۈمى (ئازاب-ئوقۇبەتلىرى) ئارقىلىق بولغان بارلىق نىجاتلىق ئىشلار، جۈملىدىن «مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن» خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى كۆرسەتسە كېرەك.
■1:12 روس. 2:4؛ ئەف. 3:10.
- ~17~ «ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار» ــ «پۈتۈنلەي باغلاڭلار» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئاخىرغىچە باغلاڭلار».
■1:13 لۇقا 12:35؛ ئەف. 6:14.
■1:15 لۇقا 1:75.
■1:16 لاۋ. 11:45،44؛ 19:2؛ 20:7.
■1:17 قان. 10:17؛ 2تار. 19:7؛ ئايۇپ 34:19؛ روس. 10:34؛ رىم. 2:11؛ گال. 2:6؛ ئەف. 6:9؛ كول. 3:25.
- ~22~ «ھامان قىممىتىنى يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر» ــ گرېك تىلىدا «ھامان چىرىيدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر».
■1:18 1كور. 6:20؛ 7:23.
■1:19 روس. 20:28؛ ئىبر. 9:12؛ ۋەھ. 1:5.
- ~25~ «ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ ئاشكارا قىلىندى» ــ «زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىت، يەنى «ئىنجىل دەۋرى»نى كۆرسىتىدۇ.
■1:20 رىم. 16:25؛ ئەف. 1:9؛ 3:9؛ كول. 1:26؛ 2تىم. 1:9؛ تىت. 1:2.
■1:21 روس. 2:33؛ فىل. 2:9.
■1:22 رىم. 12:10؛ ئەف. 4:3؛ ئىبر. 13:1؛ 1پېت. 2:17.
- ~29~ «چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى» ــ مۇشۇ يەردە «چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم «ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار (چىرىپ كېتىدىغان ئەت ئىگىلىرى)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن ــ دېمەك، ھېچكىم ئېتىقادچى بولغان ئاتا-ئانىسىدىن ياكى مەلۇم مىللەتتىن (مەسىلەن، يەھۇدىيلاردىن) تۇغۇلغانلىقى بىلەن يېڭى ھاياتقا ئېرىشمەيدۇ. ھەر ئادەم ئۆزى ئېتىقاد بىلەن «قايتا (يېڭىدىن) تۇغۇلۇشى» كېرەكتۇر.
■1:23 ياق. 1:18؛ 1يۇھ. 3:9.
■1:24 يەش. 40:6-8؛ 1كور. 7:31؛ ياق. 1:10؛ 4:14؛ 1يۇھ. 2:17.
- ~32~ «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 6:40، 8 (LXX)تىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.